مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئۇچۇرلار خەلقىئارا خەۋەرلەر ›› بىر يۈرۈش خەلقىئارا خەۋەرلەر 4-15
    
 
بىر يۈرۈش خەلقىئارا خەۋەرلەر 4-15
يوللىغۇچى: jahan  ئىنكاس سانى: 2  كۆرىلىش سانى :4277  ئاخىرقى خاتىرە :6/10/2009 11:02:41 PM by سېغىنىش

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 4/15/2009 1:39:05 PM
jahan





پىشقەدەم

ۋەزىپىسى :كۇلۇب باشلىقى
يوللانما سانى:114
تەجىربىسى :1037
تىزىملاتقان ۋاقتى:3/29/2009
يوقلىما: 83كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:17- تەرتىپ
بىر يۈرۈش خەلقىئارا خەۋەرلەر 4-15

 

 

* ئىراق ھۆكۈمىتى بۈگۈن باغداد بىلەن ئۇمماننى تۇتاشتۇرىدىغان تىز سۈرئەتلىك يولنى باغدادنىڭ غەربى جەنۇبى زۇبىغ كەنتىدىن تارتىپ رامادى شەھرىگىچە ھېچ بىر سەۋەپ ئېلان قىلماستىن تاقىۋەتتى.

 

* ئىران رەئىسى مەھمۇد ئەھمىدى نىجاد خەلقئارا دۆلەتلەرنىڭ ئىران ئاتوم پرگۇراممىسى ھەققىدىكى زىددىيىتىنى ھەل قىلىدىغان بىر قانچە لايىھەلەرنى تەييارلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تەييارلىغان بۇ لايىھە ئىران ئاتوم پىروگىراممىسى ھەققىدىكى جېدەلنى تۈگىتىش جەھەتتە ئاساسلىق رول ئوينىشى مۇمكىن دېدى.

 

* نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى ( ئوپەك) , خەلقئارادىكى ئىقتىساد كرىزىسى سەۋەبىدىن نېفىت سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كېمىيىشى بىلەن, خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

* ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى مەسئۇللارنىڭ بىرى خەلقئارادىكى ئەنسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىراننىڭ ئاتوم قورالى ياساش پروگراممىسىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى, ھەمدە ئىراننىڭ ئاتوم ياساش پروگراممىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ۋە ئىنتايىن قىيىن بولغان ئىجرائاتلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دېدى. ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ بىرى ئوتتورا شەرىق گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا ھازىر ئىران بىلەن خەلقئارا خەۋپسىزلىك كىڭشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا يىغىن ئېچىشنىڭ مۇمكىن بۇلۇش بولماسلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دېگەن , يەنە بىر ئامېرىكا مەسئۇلى ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ھېچقانداق شەرتىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئىران ھۆكىمىتى ھازىرغىچە خاپىر سۇلانانىڭ كېلىشىم تۈزۈش سۆھبىتى ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرىگە رەسمى جاۋاپ بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئىران تەرەپ خاپىر سۇلانانىڭ كىلشىم سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرىگە جاۋاپ بېرىپ, ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان, بىراق ئامېرىكا مەسئۇلى ۋاشىنگىتۇننىڭ رەسمى جاۋاپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنى تاشلاپتۇ دېگەن تۆھمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن ئاستا قەدەم باسىدىغانلىقىنى بايان قىلغان,

 

* ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىراننىڭ ئۇراننى بايلاشتۇرماسلىقىنى كېلىشىم شەرتى قىلىش پىكىرىدىن يالتىيىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىيۇيۇر تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇراننى بايلاشتۇرماسلىق دېگەن شەرتىدىن يانغانلىقىنى ئېلان قىلغان, مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەت دىپلوماتىيە خادىملىرى ئىراننىڭ ئۇراننى بايلاشتۇرشىغا يول قۇيۇش ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ نەتىجىدە ئىرانغا ئۇراننى بايلاشتۇرماسلىق دېگەن شەرتنىڭ ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىران خەلقىنىڭ مەزكۇر شەرتكە رازى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ مەزكۇر شەرتنى تاشلىۋېتىشكە ئىتتىپاق تۈزگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

 

* پەلەستىننىڭ چېگرا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرى تەرىپىدىن 800 دىن ئارتۇق غەززە بىمارلىرىنىڭ مىسىر بىلەن غەززىنى ئايرىپ تۈرىدىغان رەپەھ چېگرىسىنى ئېچىۋېتىشكە ۋە سىرىتقا چىقىپ داۋالىنىشقا ئىھتىياجىلق ئىكەنلىكى ئېلان قىلدى.

غەززە ھۆكۈمىتى نامىدىن سۆز قىلغۇچى ئادىل زەئرەپ , مىسىر ھۆكىمىتىدىن رەپەھ چېگرىسىنى ئېچىپ 800 يۈز دىن ئارتۇق بىمارنىڭ سىرىتقا چىقىپ داۋالىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى, ھەمدە پۈتۈن دۆلەتلەردىن تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ چېگرىلارنى ئېچىشىغا مەجبۇرلىشىنى تەلەپ قىلدى , ئەگەر خەلقئارادىكى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلەتمىسە غەززىدە خەتەر ئىچىدە قالغان بىر يېرىم مىليون پەلەستىنلىكنى يۇقۇتۇشتا ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرگەن قاتارىدا جىنايەتكار بولىدۇ دېدى.

 

* ھاماس تەشكىلاتى قاھرىدە قايتا كېلىشىم سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ھېچقانداق تەكلىپ پىكىرى تاپشۇرۋالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھاماس ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ قۇماندانلىرىنىڭ بىرى بۈگۈن چارشەنبە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇس ھەققىدە قاھرىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەكلىپ تاپشۇرۋالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

* شىمالى كورىيە يەنە ئامېرىكا ۋە جەنۇبى كورىيىگە تەھدىت سېلىپ ئۇلار, شىمالى كورىيىنىڭ ئەسكىرى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ سېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشى لازىم دېدى. شىمالى كورىيەنىڭ نائىبى رەئىسى ئامېرىكىغا تەھدىت قىلىپ ئەگەر ئامېرىكا ,شىمالى كورىيە رەئىسى بىيۇڭ ياڭغا چېقىلىدىكەن قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ دېدى.

 

 

يوللانغان ۋاقتى : 4/18/2009 5:38:52 AM
ئىرپان





پىشقەدەم

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
يوللانما سانى:67
تەجىربىسى :131
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/10/2009
يوقلىما: 204كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:72- تەرتىپ

       

[ئىرپان تەرىپىدىن 4/18/2009 5:45:19 AM تەھرىرلەندى]سەۋەبى:

يوللانغان ۋاقتى : 6/10/2009 11:02:41 PM
سېغىنىش





ئادەتتىكى ئەزا

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:29
تەجىربىسى :338
تىزىملاتقان ۋاقتى:6/10/2009
يوقلىما: 9كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:38- تەرتىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

 

بۇ 2009-4-15نىڭ خەۋىرى ئوخشىمامدۇ؟!


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.22 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:39:31 AM