مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش(1)
    
 
ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش(1)
يوللىغۇچى: مۇسلىم  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :892  ئاخىرقى خاتىرە :2/6/2010 6:27:00 AM by مۇسلىم

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/24/2010 12:10:13 AM
مۇسلىم
ئاللا ھەممىگە قادىر





پىشقەدەم

ۋەزىپىسى :كۇلۇب باشلىقى
يوللانما سانى:107
تەجىربىسى :40001
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/1/2009
يوقلىما: تۈنۈگۈن كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:ئالتۇن
ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش(1)

31.     سوئال: ئاللاھقا قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ئەزەلدىن بار بولغان يالغۇز ئىلاھتۇر. ئۇنىڭ پۈتۈن كائىناتنى يارىتىشتا ۋە ئۇنى پەرۋىش قىلىشتا ھېچ بىر شېرىكى يوقتۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ كامالى سۈپەتلىرى بىلەن ھەمىشە سۈپەتلىنىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ بارلىق ئەيىب ـ نوقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، دەپ ئىمان ئېيتىش كېرەك.
ئاللاھنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى

32.     سوئال: ئاللاھنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى قانچە ۋە ئۇلار قايسىلار؟
           جاۋاب: ئاللاھنىڭ كۆپلىگەن ئېسىل سۈپەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىجمالى ئىمان كەلتۈرۈش ئالاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ بىر پارچىسىدۇر. تۆۋەندە، بىزنىڭ تەپسىلىي بىلىپ ئىمان كەلتۈرىشىمىزگە زۆرۈر بولغان سەككىز سۈپەتنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:
     (1) حَيٌّ (ھەمىشە تىرىك بولغۇچى)
     (2) عَالِمٌ (ھەممىنى بىلگۈچى ئالىم)
     (3) قَادِرٌ (ھەممىگە كۇچى يېتىدىغان قادىر)
     (4) مُرِيدٌ (ئىرادە قىلغۇچى)
     (5) مُكَوّنٌ (ئىجاد قىلغۇچى)
     (6) مُتَكَلِّمٌ ( سۆزلىگۈچى)
     (7) سَمِيعٌ ( ئاڭلىغۇچى )
     (8) بَصِيرٌ (كۆرگۈچى)
33.     سوئال: ئاللاھنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ئەزەلدىن تىرىك بولۇپ، ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى جان ۋە جىسىم بىلەن بولماستىن، بەلكى ئۇ، ئۆزىگە لايىق سۈپىتىى بىلەن تىرىكتۇر. ﴿بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر. ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾([1]).
34.     سوئال: ئاللاھنىڭ ئالىم ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر. ئاللاھنىڭ بىلىشى ئەقىل ۋە زېھىن بىلەن بولماستىن، بەلكى ئۇ، ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن بىلگۈچىدۇر. ﴿ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر﴾([2]).
35.     سوئال: ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر. ئۇ، ھېچ نەرسىدىن ئاجىز كەلمەيدۇ، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا غالىب كېلەلمەيدۇ. ﴿ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر﴾([3]).
36.     سوئال: ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ مۇتلەق ئىختىيار ئىگىسى بولۇپ، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىسىز ھېچ نەرسە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. «ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىغۇچىدۇر﴾([4]).
37.     سوئال: ئاللاھنىڭ سۆزلىگۈچى ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ئەزەلدىن سۆزلىگۈچى بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. ئاللاھنىڭ سۆزلىشى تىل ۋە ئېغىز بىلەن بولماستىن، بەلكى ئۇ، ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن سۆزلىگۈچىدۇر.﴿ئاللاھ مۇساغا (بىۋاستە) سۆز قىلدى﴾([5]).
38.     سوئال: ئاللاھنىڭ ئىجاد قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ پەيدا قىلغۇچىسىدۇر. كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەر ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئىجاد قىلىشى بىلەن پەيدا بولغاندۇر. ﴿ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر﴾([6]).
39.     سوئال: ئاللاھنىڭ ئاڭلىغۇچى ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ھەر قانداق ئاۋازلارنى، دۇئالارنى ۋە مۇناجاتلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى قۇلاق بىلەن بولماستىن، بەلكى ئۇ، ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن ئاڭلىغۇچىدۇر. ﴿ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾([7]).
40.     سوئال: ئاللاھنىڭ كۆرگۈچى ئىكەنلىكىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
           جاۋاب: ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەتتا قاراڭغو كېچىدە قارا تاش ئۈستىدىكى قارا چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ﴿ئاللاھ بەندىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾([8]).

ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقىقەتلەر

41.     سوئال: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
           جاۋاب: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 ھەقىقەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
     (1) ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلدىن بار ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىش.
     (2) ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى مۇتلەق پەرۋەدىگار ئىكەنلىكىگە چىن ئېتىقاد قىلىش. ﴿ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر﴾([9]).
     (3) ئاللاھ تائالانىڭ يەككە ـ يىېگانە ئىلاھ، بىرلا ھەقىقىي ئىلاھ ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىش. ﴿سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾([10]).
     (4) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، يەنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە مەنسۇپ قىلغان ئىسىم ـ سۈپەتلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەستىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئالىي ماقامىغا لايىق ھالدا ئۇنىڭغا مەنسۇب قىلىش ۋە ئۇنى شۇ ئىسىم ـ سۈپەتلىرى بىلەن ئاتاش. ﴿ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار. ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾([11]).
42.     سوئال: ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ غايىسى نېمە؟
           جاۋاب: ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق غايىسى - ھەقىقەتنىڭ چاقىرىقىغا ئەگەشكەن ھالدا، ئاللاھقا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىپ، ئىنسان بولۇپ يارالغانلىق بۇرچىنى ئۆتەش ئارقىلىق، ئىككى ئالەملىك بەخت ـ سائادەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.


ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى

43.     سوئال: ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى نېمە؟
           جاۋاب: ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى ـ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىشىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم﴾([12]).
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى

44.     سوئال: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى قانچە ۋە ئۇلار قايسىلار؟
           جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار:
1.  الله - ئاللاھ ( ئاللاھنىڭ ئۆز زاتىغا قويۇلغان ئىسىم)
2.  الرحمن - ئەررەھمان(شەپقەتلىك)
3.  الرحيم - ئەررەھىيم( مېھرىبان)
4.  الملك - ئەلمەلىك( بۇيرۇقلىرى ئىجرا بولغۇچى)
5.  القدوس - ئەلقۇددۇس( نوقساندىن پاك)
6.  السلام - ئەسسالام( خەتەرلەردىن قوغدىغۇچى)
7.  المؤمن - ئەلمۇئمىن( ئىمان نۇرىنى بەرگۈچى)
8.  المهيمن - ئەلمۇھەيمىن( ھەر نەرسىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇتقۇچى)
9.  الغزيز - ئەلئەزىز( كۈچلۈك، غالىب)
10.  الجبار- ئەلجەببار( خالىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى)
11.  المتكبر - ئەلمۇتەكەببىر( چوڭلۇقتا تەڭدىشى يوق)
12.  الخالق- ئەلخالىق( يېگانە ياراتقۇچى)
13.  الباريء-ئەلبارى( نوقسانسىز ياراتقۇچى)
14.  المتصور- ئەلمۇتەسەۋۋىر(مەۋجۇداتلارنى ھەرخىل شەكىل ۋە سۈرەتتە ياراتقۇچى)
15.  الغفار-ئەلغەففار( ئەپۇسى كەڭ)
16.  القهار- ئەلقەھھار( ئىسيانكارلارنى جازالىغۇچى)
17.  الوهاب- ئەلۋەھھاب( بەدەلسىز نېمەت بەرگۈچى)
18.  الرزاق -ئەررەززاق( مول رىزىق بەرگۈچى)
19.  الفتاح- ئەلفەتتاھ( ياخشى ئىشلارنىڭ يولىنى ئاچقۇچى)
20.  العليم- ئەلئەلىيم( ھەممىنى بىلگۈچى)

([1])   بەقەرە سۈرىسى 255 ـ ئايەت
([2])   بەقەرە سۈرىسى 29 ـ ئايەت
([3])   ھەدىد سۈرىسى 2 ـ ئايەت
([4])   بۇرۇج سۈرىسى 16 ـ ئايەت
([5])   نىسا سۈرىسى 164 ـ ئايەت
([6])   زۇمەر سۈرىسى 62 ـ ئايەت
([7])   مائىدە سۈرىسى 76 ـ ئايەت
([8])   ئال ئىمران سۈرىسى15 ـ ئايەت
([9])   ئەنئام سۈرىسى 102ـ ئايەت
([10])  بەقەرە سۈرىسى 163 ـ ئايەت
([11])  ئەئراق سۈرىسى 180 ـ ئايەت
([12])  زارىيات سۈرسىى 56 ـ ئايەت

سەن ئاللاھىمسەن، ساڭىدۇر قۇللۇغۇم، سەندەدۇر چارەم، سەن بىلەندۇر بارلىغىم، سېنى ئىزدىنەر روھىم، ساڭىلا تەلپۈنەر قەلبىم.
باشقىسىغا ئەمەس، ساڭا مۇھتاجمەن. باشقىسىنى ئەمەس، سېنىلا چاقىرىمەن. باشقىسى يارىتىلغاندۇر، سەن ياراتقۇچىسەن. باشقىسى داۋامسىزدۇر، سەنلا دائىمسەن، دائىملىق ئاتا قىلىسەن. باشقىسى مۇھتاجدۇر. سەن ئىھتىياجسىزسەن، ئىھتىياجلارنى قاندۇۇرىسەن.
سەن، شۇنداق يىگانە جالال ساھىبىسەنكى، پۈتۈن مەۋجۇتلۇق سېنىڭ نۇرىڭنىڭ زەررىسىدۇر، سىنىڭ سەنئىتىڭنىڭ ئەسەرلىرى، سېنىڭ ئېسىم ـ سۈپەتلىرىڭ تەجەللىسىنىڭ رەڭگا ـ رەڭ نەقىشلىرى، سىنىڭ قازا ۋە قەدەر قەلىمىڭنىڭ سىزىقچىلىرىدۇر.

[مۇسلىم تەرىپىدىن 1/24/2010 12:13:10 AM تەھرىرلەندى]سەۋەبى:


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.36 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:56:18 AM