مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش(2)
    
 
قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش(2)
يوللىغۇچى: مۇسلىم  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :672  ئاخىرقى خاتىرە :1/24/2010 12:36:06 AM by مۇسلىم

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/24/2010 12:36:06 AM
مۇسلىم
ئاللا ھەممىگە قادىر





پىشقەدەم

ۋەزىپىسى :كۇلۇب باشلىقى
يوللانما سانى:107
تەجىربىسى :40001
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/1/2009
يوقلىما: تۈنۈگۈن كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:ئالتۇن
قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش(2)

ھىدايەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

 

110.   سوئال: ھىدايەت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟

           جاۋاب: ھىدايەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت، يەنە بىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەت. ئالدىنقىسى، سىز يول سورىغان كىشىنىڭ سىزگە سىز بارماقچى بولغان جايغا ئېلىپ بارىدىغان تۈز يولنى ئېنىق شەرھلەپ كۆرسىتىپ قويغىنىغا، كېيىنكىسى، ئۇنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزدىن تۇتۇپ، سىزنى سىز بارماقچى بولغان جايغا ئاپىرىپ قويغىنىغا ئوخشاشتۇر.

111.   سوئال: ھەر ئىككى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىنلا كېلەمدۇ؟

           جاۋاب: مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەت پەقەت ئاللاھنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ھەتتا پەيغەمبەرنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئاللاھ بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن:»شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئۇبدان بىلىدۇ»([9]).

     ئەمما يول كۆرسىتىش مەنسىدىكى ھىدايەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ، دەۋەتچىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرگە جەننەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى شۇ يولغا چاقىرىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ بۇ مەنىنى ئىپادىلىگەن ھالدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، سەن كىشىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىسەن (باشلايسەن)([10]).

112.   سوئال: ئاللاھ قانداق ئادەملەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە قانداق ئادەملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ؟

           جاۋاب: ئاللاھ توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنى خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇكىشىگە توغرا يول تېپىشنىڭ ۋاسىتىلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى»ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئۇبدان بىلىدۇ» ئاللاھ ھىدايەتنى خالىماي ئازغۇنلۇقنى ئۆزىگە راۋا كۆرگەن كىشىگە ئازغۇنلۇقنى نەسىب قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ﴿ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ([11]).

     چۈنكى توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش پەقەت ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھنىڭ بىر ئادەمنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغانلىقى ئۇ كىشىگە ئەڭ كاتتا نېمەت ئاتا قىلغانلىقىدۇر. دۇنيادا توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشتىن زور ئۇتۇق يوقتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ كاتتا نېمىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىنتىلمەستىن، ئارزۇ قىلىنماستىن ۋە سورالماستىن بېرىلمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ([12]).

113.   سوئال: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەب قىلىشقا زىت كېلەمدۇ؟

           جاۋاب: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەب قىلىشقا ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. كىشىگە يەتكەن ياخشىلىق ـ يامانلىق، مۇسىبەت ـ خوشاللىق، پايدا ـ زىيانلارنىڭ ھەممىنى، شۇنداقلا بولۇپ ئۆتكەن ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولدى، دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. كېلەچەكتە بولىدىغان ھەر قانداق ئىشلارنىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىماندىن. بىراق «ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە نېمە بولسا شۇ بولىدىغۇ» دەپ سەۋەب قىلماسلىق ئىماندىن ئەمەس، بەلكى چوڭ خاتالىقتۇر. گەرچە ئىنساننىڭ رىزقى، ئەجەلى ۋە ياخشى ـ يامان پۈتۈن ئىشلىرى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىسىمۇ، ئىنسان شۇ رىزقنى ھاسىل قىلىش، جېنىنى قوغداش ۋە ئۆزى ھەم جەمئىيىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەگەر ئۇ، «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم» دەپ سەۋەبنى قولدىن بېرىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۇناھكار بولىدۇ ۋە تەۋەككۈلنىڭ مەنىسىنى سۇيىئىستېمال قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنى سەۋەبلەرگە باغلىغان. بۇ دۇنيا سەۋەب دۇنياسى. ھەر كىشى سەۋەب قىلىپ ئىشلىگىنىگە يارىشا نەتىجە قازىنىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ([13]).

تەۋەككۈل ۋە ئۇنىڭ شەرتى

 

114.   سوئال: تەۋەككۈل قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟

           جاۋاب: تەۋەككۈل سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى ـ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەت تەلەپ قىلىش دېمەكتۇر. ئەمما ئۇنىڭ شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى ــ ئاللاھقا چىن ئىشەنچ بىلەن يۆلىنىش دېمەكتۇر.

115.   سوئال: تەۋەككۈل قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟

           جاۋاب: تەۋەككۈل قىلىشنىڭ شەرتى ـ تەۋەككۈل قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن ئاۋۋال قولىدىن كېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشچە سەۋەبلەرنى قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ئاللاھقا چىن ئىشەنچ بىلەن يۆلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن: ئاددى بىر دېھقان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشتا، ئالدى بىلەن يەرنى ھەيدەپ يۇمشىتىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئۇرۇق ۋە ئوغۇتلارنى چاچىدۇ، سۇنى ۋاقتىدا بېرىپ تۇرىدۇ، مۇندىن باشقا دېھقانچىلىقنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىنى تولۇق ئۇرۇنلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زىرائەتنىڭ سالامەت ئۈنۈپ چىقىشى ۋە مول ھوسۇل بېرىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇنى سالامەت ئۈندۈرۈپ مول ھوسۇل چىقىرىپ بېرىدۇ. خالىسا تەبىئەتنىڭ تۈرلۈك ئاپەتلىرىگە ئەمر قىلىدۇ ـ دە، زىرائەتلەرنى بىر ئاندىلا نابۇت قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئىش سەۋەب قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھقا يۆلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سەۋەبلەرگىلا چوقۇنۇپ كېتىپ ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىش توغرا بولمىغاندەك، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم دەپ سەۋەب قىلماسلىق تېخىمۇ توغرا بولمايدۇ. تەۋەككۈل پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

قازا ۋە قەدەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب

 

116.   سوئال: توغرا يولغا ئەگەشمەسلىك ۋە يامان ئىشلانى تەقدىردىن كۆرۈش توغرىمۇ؟

           جاۋاب: توغرا يولغا ئەگەشمىگەنلىكىنى ۋە باشقا يامان ئىشلارنى تەقدىردىن كۆرۈش ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلىق ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھقا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كىتابلارنى چۈشۈرۈپ بېرىپ، بۇ كىتابلار بىلەن ئۇلارغا ھەق بىلەن باتىلنى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئېنىق بىلدۈردى ۋە ھەقىقەتكە ئەگىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چاقىردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەقىل، ئىرادە ۋە ئىخىتىيارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى يول تاللاشتا ئەركىن ياراتتى. نەتىجىدە ھىدايەتنى زالالەتتىن ئەۋزەل كۆرۈپ ئەقىل ۋە ئىرادىسىنى يولىدا ئىشلەتكەن كىشىلەر ئاللاھ چاقىرغان توغرا يولغا ئەگەشتى. ئەمما ھىدايەتتىن زالالەتنى ئەۋزەل كۆرگەن كىشىلەر ھىدايەت يولىغا كىرىشنى خالىمىدى ياكى ئىزدەنمىدى، ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان يوللىرىنى توغرا دەپ ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلارنىڭ قاتارىدىن بولدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك، ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟([14])

     ئاللاھ مۇشرىكلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى تەقدىردىن كۆرگەنلىكىگە كايىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇشرىكلەر ”ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى بىز ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق “ دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر (تاكى بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشۈپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (سىنى مۇشرىكلەر ئىنكار قىلغاندەك) مۇشۇنداق ئىنكار قىلغان ئىدى([15]).

117.   سوئال: ئاللاھنىڭ تەقدىردە يېزىپ بولغانلىقى شۇ ئىشقا زورلىغانلىقى بولامدۇ؟

           جاۋاب: ئاللاھنىڭ بىر ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن يېزىپ قويغانلىقى شۇ ئىشقا زورلىغانلىقى ئەمەس.

     بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان تەجرىبىلىك ۋە ئەقىللىق بىر مۇئەللىم ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەييارلاش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىن بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي سىنىپتا قالىدىغانلىرى بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ سىنىپ كۆچىدىغانلىرىنى ئۆزىنىڭ بىلىشىگە ئاساسەن ئايرىپ چىقىپ، شۇ بويىچە بىر قەغەزگە يېزىپ قويغان بولسا، كېيىن ئىمتىھان باشلىنىپ ئىمتىھان نەتىجىسى خۇددى مۇئەللىمنىڭ بىلگىنى ۋە يازغىنى بويىچە چىقسا، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىم يازغان قەغەزنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، «ئەگەر مۇئەللىم بىزنى ئۆتەلمەيدۇ دەپ يازمىغان بولسا ئىدى، بىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتۇق» دەپ دەۋالىشىشى توغرىمۇ؟ ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب چوقۇم مۇنداق بولىدۇ: «مۇئەللىمنىڭ يازغىنى سىلەرنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىڭلار توغرىسىدىكى ئۆز ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئەمما سىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ تەييارلىق قىلمىغانلىقىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇنى ئۆزۈڭلاردىن كۆرۈڭلار!»

ئىنساننىڭ ئىختىيارىدا بولمايدىغان ئىشلار

 

118.   سوئال: ئىنساننىڭ ئىختىيارىدا بولمىغان ئىشلار قايسىلار؟

           جاۋاب: قازا ۋە قەدەرنىڭ جۈملىسىدىن بەزى ئىشلار باركى، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلار خالىسۇن، ياكى خالىمىسۇن، ھېس قىلسۇن ياكى ھېس قىلالمىسۇن ئۇنىڭدىن قەتئىينەزەر ھالدا، بىۋاسىتە ئۆز خاھىشى بىلەنلا بېكىتىۋەتكەن. مەسىلەن: سىزنىڭ نەدە ۋە قاچان تۇغۇلىشىڭىز، ئاتا ـ ئانىڭىزنىڭ كىملەر بولىشى، بويىڭىزنىڭ ئېگىز ياكى پاكار بولىشى، چىرايىڭىزنىڭ چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز بولىشى، ئەقلىڭىزنىڭ ئۆتكۈر ياكى كەم بولىشى، خاراكتېرىڭىزنىڭ قانداق بولىشى، ئۆمرىڭىزنىڭ قانچىلىك بولىشى ۋە باشقىلار قاتارلىق ئىشلار بەندىنىڭ ئىختىيارى سىرتىدىكى ئىشلار بولغانلىقتىن، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن جاۋابكار ئەمەس، ئەلۋەتتە.

119.   سوئال: لەۋھۇلمەھپۇز دېگەن نېمە؟

           جاۋاب: لەۋھۇلمەھپۇز ـ ئاللاھ ئەزەلدە تەقدىر قىلىپ بەلگىلىگەن كائىناتتا بولىدىغان ھەر قانداق ھادىسىلەر، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان ھەر قانداق ياخشى ـ يامان بارلىق ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن بۈيۈك دىۋان دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئورنى ئاسمانلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدە. قۇرئان كەرىممۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلىپ ساقلانغان ئىدى. ﴿بەلكى ئۇ، لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر([16]).


 


([1])   قەمەر سۈرىسى 49- ئايەت

([2])   يۇنۇس سۈرىسى 61- ئايەت

([3])  تەكۋىر سۈرىسى 29- ئايەت

([4])   ھەدىد سۈرىسى 22 ـ ئايەت

([5])   ئەنئام سۈرىسى 17 ـ ئايەت

([6])  مۇلك سۈرىسى 15 ـ ئايەت

([7])  فاتىر سۈرىسى 8 ـ ئايەت

([8])   زۇخرۇف سۈرىسى 36 ـ 37 ـ ئايەتلەر

([9])   قەسەس سۈرىسى 56ـ ئايەت

([10])  شۇرا سۈرىسى 52 ـ ئايەت

([11])  سەف سۈرىسى 5 ـ ئايەت

([12])  رەئد سۈرىسى 27 ـ ئايەت

([13])  نەجم سۈرىسى 39 ـ ئايەت

([14])  بەلەد سۈرىسى 8 ـ 10 ـ ئايەتلەر

([15])  ئەنئام سۈرىسى 148 ـ ئايەت

([16])  بۇرۇج سۈرىسى 21 ـ 22 ـ ئايەتلەر

سەن ئاللاھىمسەن، ساڭىدۇر قۇللۇغۇم، سەندەدۇر چارەم، سەن بىلەندۇر بارلىغىم، سېنى ئىزدىنەر روھىم، ساڭىلا تەلپۈنەر قەلبىم.
باشقىسىغا ئەمەس، ساڭا مۇھتاجمەن. باشقىسىنى ئەمەس، سېنىلا چاقىرىمەن. باشقىسى يارىتىلغاندۇر، سەن ياراتقۇچىسەن. باشقىسى داۋامسىزدۇر، سەنلا دائىمسەن، دائىملىق ئاتا قىلىسەن. باشقىسى مۇھتاجدۇر. سەن ئىھتىياجسىزسەن، ئىھتىياجلارنى قاندۇۇرىسەن.
سەن، شۇنداق يىگانە جالال ساھىبىسەنكى، پۈتۈن مەۋجۇتلۇق سېنىڭ نۇرىڭنىڭ زەررىسىدۇر، سىنىڭ سەنئىتىڭنىڭ ئەسەرلىرى، سېنىڭ ئېسىم ـ سۈپەتلىرىڭ تەجەللىسىنىڭ رەڭگا ـ رەڭ نەقىشلىرى، سىنىڭ قازا ۋە قەدەر قەلىمىڭنىڭ سىزىقچىلىرىدۇر.


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.20 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:56:43 AM