مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش(1)
    
 
قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش(1)
يوللىغۇچى: مۇسلىم  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :745  ئاخىرقى خاتىرە :1/24/2010 12:37:25 AM by مۇسلىم

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/24/2010 12:37:26 AM
مۇسلىم
ئاللا ھەممىگە قادىر





پىشقەدەم

ۋەزىپىسى :كۇلۇب باشلىقى
يوللانما سانى:107
تەجىربىسى :40001
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/1/2009
يوقلىما: تۈنۈگۈن كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:ئالتۇن
قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش(1)

101.   سوئال: قەدەر( تەقدىر) دېگەن نېمە؟

           جاۋاب: قەدەر ـ ئاللاھنىڭ كائىناتتا بولىدىغان ھەرقانداق ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان بارلىق ياخشى ـ يامان گەپ – سۆز ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا بىلىپ شۇنداق يارىتىشى ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە بەلگىلىشى دېمەكتۇر.

     ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى:﴿بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق([1]) ۋە ﴿ئاسمان، زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتنەپ قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەن([2]) دېگەن سۆزلىرى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

102.   سوئال: قازا دېگەن نېمە؟

           جاۋاب: ئاللاھنىڭ شۇ ئالدىنئالا ياراتقىنى ۋە بەلگىلىگىنىگە ئاساسەن، كائىناتتا بولىدىغان بارلىق ۋەقە ۋە ھادىسلەرنى، ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر بولىدىغان گەپ – سۆز ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى دېمەكتۇر.

قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسى

 

103.   سوئال: قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

           جاۋاب: قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسىنى مۇنداق چۈشىنىڭ كېرەك:

     (1) تەقدىر دېمەك باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارى بولمايدىغان بىرلا يول دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تەقدىر ئىنساننىڭ تاللىشىغا قاراپ بىر قانچە تارماقلىق يولغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر بىر يولنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى سىزگە نىسبەتەن قاراڭغۇلۇق كۆرۈنسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن خۇددى خەرىتىگە ئوخشاش ناھايىتى ئېنىقتۇر. مەسىلەن: شەرق تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا، غەرب تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا يېتىپ بارىسىز. قۇرۇقلۇقتىن ماڭسىڭىز بىخەتەر يېتىپ بارىسىز، ھاۋادىن ماڭسىز تېز يېتىپ بارىسىز، دېڭىز ئارقىلىق ماڭسىز خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، دەپ سىزىپ كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش. ئاللاھ تائالا تەقدىرنى ئەنە شۇنداق بەلگىلىگەن. ئىنسانلار يول تاللاش ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قايسىبىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسنى ئېنىق بىلگۈچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ۋىدىيو پلاستىنكىلىرىغا ئېلىنىپ ساقلانغان ئارخىپقا ئوخشاشتۇر. سىز قايسىبىر يولنى تاللىماڭ ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللانماڭ سىز ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بويىچە ئىش كۆرگەن بولىسىز. چۈنكى سىز تاللايدىغان يوللار، قىلىدىغان ئىشلار ۋە قوللىنىدىغان سەۋەبلەر، چارە - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى تەقدىر خەرىتىسىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋە قايسىسىنى تاللاش ئىختىيارى سىزگە بېرىلگەن. مەسىلەن: سىزنىڭ قايسى شەھەردە ئولتۇراقلىشىشىڭىز، قايسى خىزمەتنى قىلىشىڭىز ، كىم بىلەن ئۆي – ئوچاقلىق بولىشىڭىز، كىملەر بىلەن دوست بولىشىڭىز قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە بېرىلگەن ئىختىيارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارىڭىزمۇ بار ئىدى. تەقدىردە سىز تاللىغان ۋە تاللىمىغان ئىختىيارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى تاللىغان بولسا، نەتىجە مۇنداق بولاتتى، بۇنى تاللىغان بولسا، نەتىجە بۇنداق بولاتتى، ئەمما بۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولىدۇ، دەپ يېزىلغانغا ئوخشاش. مانا بۇ «ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىدىن تاشقىرى قىل تەۋرىمەيدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر.

     (2) بەزى كىشىلەر چۈشەنگەندەك، تەقدىر ئاللاھنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن نەرسىسىگە بەندىلەرنى زورلىغانلىقى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنسان خالىغان ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا مۇتلەق ئەركىندۇر. ئاللاھ شۇڭا ئىنسانغا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتە ئەركىن ئىرادە - خاھىشنى ۋە ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئەقىل ۋە قابىلىيەتنى بەرگەن. ئاللاھنىڭ بىرەر بەندىنىڭ كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىنئالا بىلىپ ئۇنى شۇنداق بەلگىلىگەبلىكى ۋە ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ بىلگىنى ۋە بەلگىلىگىنى بويىچە ۋۇجۇدقا چىقىپ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۇ بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىش ئەمەس. بەلكى بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. چۈنكى ئىنساندا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتە ئەركىن ئىرادە بار.

     (3) ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىنى ياقتۇرىدۇ، يامان ئىش قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما ئىنسان يامانلىقنى خالاپ، ئۇنىڭغا بەل باغلىغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يول قويىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يامان ئىشقا رازى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئىنساننىڭ شۇ يامانلىقنى قىلىش ئىختىيارىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبتىندۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر([3]) دېگەن. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: سىلەر قىلماقچى بولغان ياخشى - يامان قانداقلا بىر ئىشقا ئاللاھ تائالا يول قويمىغىچە سىلەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايسىلەر، دېگەنلىكتۇر.

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقىقەتلەر

 

104.   سوئال: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

           جاۋاب: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى تۆت ھەقىقەتكە ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) كائىناتتا بولۇپ تۇرغان ھەرقانداق پايدىلىق ھادىسلەر، مەسىلەن: يامغۇرنىڭ يېغىشى، زىرائەتلەرنىڭ مول ھوسۇل بېرىشى، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋە بېرىشى، شۇنداقلا دۇنيادا يۈز بېرىپ تۇرغان ھەر قانداق زىيانلىق ھادىسلەر، مەسىلەن: يەر تەۋرەش، ۋابا، قۇرغاقچىلىق، سۇ ئاپىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدۇ. بۇ ھادىسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقان، دەپ ئىشىنىش. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش) شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر([4]).

     (2) دۇنيادىكى ھەر قانداق ياخشىلىقلار، مەسىلەن: تىنچلىق، ئامانلىق، تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك، باياشاتلىق ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر قانداق بەختسىزلىكلەر، مەسىلەن: ئۇرۇش، ئۆلۈم، كېسەللىك، دەرت، جاپا ـ مۇشەققەتلەر ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدۇ، بۇلارنى ۋە بۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۆزى ياراتقان، دەپ ئىشىنىش. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : ﴿ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر([5]).

     (3) مەخلۇقاتلارنىڭ يۈرۈش ـ تۇرۇش، يېيىش ـ ئىچىش ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرى پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ بۇ ئىشلارنى يارىتىش بىلەن بىرگە ئىنسانلارغا ئۇلارنى قانداق يوسۇندا قوللىنىش ئىختىيارىنى ۋە قابىلىيىتىنى بەرگەن، دەپ ئىشىنىش. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر([6]).

     (4) ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى تەقدىر قىلغۇچى ئاللاھدۇر. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەرقايسىسىنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىش ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ، بۇ ئىختىيارنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەن، دەپ ئىشىنىش.

     ئاللاھ ئەزەلدە ئىنسانلارنىڭ كېلەچەكتە قىلىدىغان ياخشى ـ يامان ھەر قانداق ئىشلىرىنى ئېنىق بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى شۇ بويىچە بولۇشقا بەلگىلىگەن ۋە ئىنسانلارنى خالىغانلىرىنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئەركىن ئىختىيار ۋە ئىرادە بىلەن بۇ ئىمتىھان دۇنياسىغا ئەۋەتكەن. ئىنسانلار بىرەر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئەركىن ئىختىيار ۋە ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئۇلار بۇ دۇنيادىكى بارلىق قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى ۋە تۈرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى شۇ ياخشىلىقلارنى قىلىشقا تەرغىب قىلدى، يامانلىقنىڭ يوللىرىنى ۋە تۈرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يامانلىقلارنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇلارنى يامانلىقلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى.

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى

 

105.   سوئال: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە ؟

          جاۋاب: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىچە:

     (1) ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كېسەللىك، دەرت ـ ئەلەم، بالايىئاپەت، يوقسۇللۇق ۋە جاپا ـ مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىنى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئىشىنىش بىلەن بىرگە بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنىڭ ھەممىنى قىلىش، ئاللاھقا ئۇلارنى كۆتۈرىۋېتىشىنى سوراپ دۇئا قىلىش ۋە بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى يۇقىرىقى كۈلپەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن) تارتقان جاپالارنىڭ بەدىلىگە ئاللاھنىڭ ساۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىراق كېلەچەككە ئائىت ئىشلارنى«ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە نېمە بولسا شۇ بولىدىغۇ»، دەپ ئىشلىمەستىن، سەۋەب قىلماستىن«ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرىۋېلىش ئىنسانلىقنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان تەييارتاپلىق ۋە ئىنسانلىق ھۆرمەتنىڭ ھېسابىغا ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر.

     (2) ئىنسانلارغا يەتكەن كېسەللىك، ئاجىزلىق ۋە يوقسۇللۇقلارنى «ئاللاھنىڭ تەقدىرىغۇ»، دەپ ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلماسلىق چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ يۇقىرىقى كۈلپەتلەرنى ياراتقان بولسا، ئىنساندا ئەقىل بىلەن ئىرادىنىمۇ ياراتتى. ئىنساننىڭ ئاللاھ بەرگەن بۇ ئەقىل، ئىرادە بىلەن سەۋەب قىلىشىمۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. «تەقدىر بىلەن كېسەل بولدۇمغۇ»، دەپ سەۋەب قىلماستىن ئۆلۈش ياكى «تەقدىر بىلەن ئوغرى بولۇپ قالدىمغۇ» دەپ ئوغرىلىق قىلىش ئېغىر گۇناھ ھەمدە ئاللاھقا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ قانداقلا بىر كېسەللىكنى ياكى دەرتنى ياراتقان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شىپاسىنى ياراتقان. ئىنسان ئۆزىدىكى ئىرادە ۋە ئەقىل بىلەن سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ شىپاسىنى تېپىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ يامانلىقنى ياراتقان بولسا، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ۋە جازالىرىدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا بۇيرىدى ۋە بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىش ياكى ئۇلاردىن يېنىش ئىختىيارىنىمۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە بەردى.

106.   سوئال: قازا ۋە قەدەرگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟

           جاۋاب: كائىناتتا بولىدىغان ھەرقانداق ھادىسە، ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان ياخشىلىق ـ يامانلىق ھەرقانداق ئىشلىرى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدۇ. ئىنسان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ياكى قىلماسلىقتا ئاللاھ بەرگەن ئىختىيار بىلەن ئەركىندۇر. لېكىن ئاللاھ ياخشى ئىشلارغا رازىكى، يامان ئىشلارغا رازى ئەمەستۇر، دەپ ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك.

`قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى

 

107.   سوئال: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى نېمە؟

           جاۋاب: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بىر ئىلاھىي قانۇننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە قازاسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر بالا ـ قازا ياكى ئېغىر كۈلپەتلەر كەلسە ئاھ ئۇرۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، بىرەر مۇۋەپپەقىيەت قازانسا خوشاللىقتىن ئۆزىگە ئىشىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئاللاھتىن دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، بالا ـ قازا يەتكەندە سەبىر قىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدۇ. ئىنسان مەغلۇبىيەتكە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدىغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە كۆرەڭلەپ كەتمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇ ھەقىقى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ. ئىمان ئەنە شۇنداق ئېسىل ئەرلەرنى يارىتىدۇ. بۇ قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرىدىن بىر قىسمى. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى پايدىسى جەننەتتۇر.

ھىدايەت ۋە زالالەت ئاللاھتىن

108.   سوئال: بەندىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ئازدۇرىۋېتىش راستتىنلا ئاللاھتىنمۇ؟

           جاۋاب: توغرا، بەندىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ئازدۇرىۋېتىش ئاللاھتىندۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ ئىزنىسىز ھىدايەت قىلالمايدۇ ۋە ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى ئازغۇن قىلىدۇ ۋە خالىغان كىشنى ھىدايەت قىلىدۇ([7]).

109.   سوئال: ئاللاھ قانداق ئادەمنى ئازدۇرىدۇ؟

           جاۋاب: ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈگەن، ھەقىقەتكە ئەگىشىشنى خالىمىغان ئادەمنى ھېمايە قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئۇنىڭغا ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى ئازدۇرۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇش ئاللاھتىن بولغان بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ([8]).

سەن ئاللاھىمسەن، ساڭىدۇر قۇللۇغۇم، سەندەدۇر چارەم، سەن بىلەندۇر بارلىغىم، سېنى ئىزدىنەر روھىم، ساڭىلا تەلپۈنەر قەلبىم.
باشقىسىغا ئەمەس، ساڭا مۇھتاجمەن. باشقىسىنى ئەمەس، سېنىلا چاقىرىمەن. باشقىسى يارىتىلغاندۇر، سەن ياراتقۇچىسەن. باشقىسى داۋامسىزدۇر، سەنلا دائىمسەن، دائىملىق ئاتا قىلىسەن. باشقىسى مۇھتاجدۇر. سەن ئىھتىياجسىزسەن، ئىھتىياجلارنى قاندۇۇرىسەن.
سەن، شۇنداق يىگانە جالال ساھىبىسەنكى، پۈتۈن مەۋجۇتلۇق سېنىڭ نۇرىڭنىڭ زەررىسىدۇر، سىنىڭ سەنئىتىڭنىڭ ئەسەرلىرى، سېنىڭ ئېسىم ـ سۈپەتلىرىڭ تەجەللىسىنىڭ رەڭگا ـ رەڭ نەقىشلىرى، سىنىڭ قازا ۋە قەدەر قەلىمىڭنىڭ سىزىقچىلىرىدۇر.


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.48 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 9:50:24 AM