مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› تاھارەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
    
 
تاھارەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
يوللىغۇچى: ئامىنە  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :1122  ئاخىرقى خاتىرە :1/30/2010 2:00:00 AM by ئامىنە

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/30/2010 1:54:11 AM
ئامىنە
ئاللا مېھرىبان





ئالى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :مونا
يوللانما سانى:603
تەجىربىسى :3026
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/2/2009
يوقلىما: 5كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:6- تەرتىپ
تاھارەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

211.   سوئال: تاھارەت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟

          جاۋاب: تاھارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

     (1) ناماز ئوقۇش، قۇرئاندىن سەجدە ئايىتىنى تىلاۋەت قىلغاندا سەجدە قىلىش، قۇرئاننى تۇتۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش پەرزدۇر.

     (2) كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش ۋاجىبتۇر.

     (3) تاھارەت بىلەن يېتىش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش سۈننەتتۇر.

تاھارەتنىڭ پەرزلىرى ۋە سۈننەتلىرى

 

212.   سوئال: تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قانچە؟

          جاۋاب: تاھارەتنىڭ پەرزلىرى تۆت بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر:

     (1) يۈزنىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىدىن باشلاپ زاڭاقنىڭ ئاستىغىچە ۋە ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشاقلىرىغىچە بولغان جايلىرىنى يۇيۇش.

     (2) ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.

     (3) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.

     (4) باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش (سۇ بىلەن سىلاش).

213.   سوئال: تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى قانچە؟

          جاۋاب: تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

     (1) تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىش.

     (2) تاھارەتنى«بىسمللاھ» بىلەن باشلاش.

     (3) ئىككى قولنى بىلەكلىرىگىچە يۇيۇش.

     (4) چىشلارنى مىسۋاك بىلەن، مىسۋاك بولمىسا بارماق بىلەن تازىلاش.

     (5)ئېغىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقاش.

     (6) بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ تازىلاش.

     (7) بارماقلارنىڭ ئارىسىنى سۇ بىلەن سىلاپ يۇيۇش.

     (8)ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش.

     (9) ئىككى قۇلاققا مەسھى قىلىش.

(10) تاھارەتنى تەرتىب بىلەن ئېلىش.

     (11) ئەزالارنى يۇيۇشتا ئوڭ تەرەپتىن باشلاش. مەسىلەن: ئاۋۋال ئوڭ قولنى ئاندىن سول قولنى يۇغانغا ئوخشاش.

     (12) گەدەنگە مەسھى قىلىش.

     (13) ساقىلى بار كىشىنىڭ ساقىلىنىڭ ئارىلىرىنى سۇ بىلەن سىلىشى.

     (14) ھەر ئەزانى يۇيۇشتا ئۇۋۇلاپ پاكىز يۇيۇش.

     (15) باشنىڭ ھەممىنى بىر قېتىم مەسھى قىلىش.

     (16) تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنى يۇيۇشتا ئارقا – ئارقىدىن يۇيۇش.

     (17) روزا تۇتمىغان ۋاقىتلاردا، ئېغىزغا سۇ ئالغاندا، سۇنى گالغا يەتكۈزۈپ غارغار قىلىش، بۇرۇنغا سۇ ئالغاندا، سۇنى دىماققا يەتكۈزۈپ مەزمەزە قىلىش. ئەمما روزا تۇتقان ۋاقىتلاردا سۇنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۇنى ئېغىز بىلەن بۇرۇنغا دىققەت بىلەن ئېلىش.

214.   سوئال: تاھارەتتىكى مەكرۇھلار قايسىلار؟

          جاۋاب: تاھارەت ئېلىشتا مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) سۇنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىپ ئىسراپ قىلىش.

     (2) سۇنى نورمالدىن ئاز قوللىنىش.

     (3) سۇ بىلەن يۈزگە ئۇرۇش.

     (4) تاھارەت ئېلىۋاتقاندا دۇنيالىق سۆزلەرنى دېيىشىش.

     (5) تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئۆزۈرسىز باشقىلاردىن تاھارەتكە ياردەم سوراش.

     (6) بىر قېتىم قىلىدىغان مەسھىنى يېڭى سۇ بىلەن بىر قېتىمدىن ئارتۇق قىلىش.

تاھارەت ئېلىشنىڭ قائىدە- تەرتىبى

 

215.   سوئال: تاھارەتنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

          جاۋاب: تاھارەتنى تۆۋەندىكىدەك ئېلىش كېرەك:

     (1) كۆڭلىمىزدە تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىمىز.

     (2) ئىمكانىيەت بولسا، ئىگىزرەك جايدا قىبلىگە قاراپ ئولتۇرىمىز.

     (3)﴿بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم دەيمىز.

     (4) قولىمىزنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيىمىز. قوللارنى يۇغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ پاكىز يۇيىمىز.

     (5) ئوڭ قولىمىز بىلەن ئېغىزىمزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقايمىز. مىسۋاك بولسا ئۇنىڭ بىلەن، مىسۋاك بولمىسا بارمىقىمىز بىلەن چىشلىرىمىزنى تازىلايمىز.

     (6) بۇرنىمىزغا ئۈچ قېتىم ئوڭ قولىمىز بىلەن سۇ ئېلىپ، سول قولىمىز بىلەن تازىلايمىز.

     (7) يۈزىمىزنى پىشانىمىزنىڭ چاچ ئۈنۈپ توختىغان يېرىدىن زاڭاقنىڭ ئاستىغىچە ۋە ئوڭ قۇلاقنىڭ يۇمشىقىدىن سول قۇلاقنىڭ يۇمشىقىغىچە ھەممىنى تولۇق ۋە پاكىز ئۈچ قېتىم يۇيىمىز. (ساقىلى بار كىشى ساقىلىنىڭ ئارىلىرىنى سۇ بىلەن سىلاپ چىقىدۇ).

     (8) ئاۋۋال سول قولىمىز بىلەن ئوڭ قولىمىزنى، كېيىن ئوڭ قولىمىز بىلەن سول قولىمىزنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز.

     (9) ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى قايتا ھۆل قىلىپ، بېشىمىزنىڭ تۆتتىن بىرىنى باكى ھەممىسىنى سلايمىز.

     (10) ئىككى قولىمىزنىڭ بىگىز ياكى كىچىك بارماقلىرى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ ئىچىنى، باش بارماقلىرى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ ئارقىسىنى سىلايمىز.

     (11) ئاۋۋال ئوڭ، ئاندىن سول پۇتىمىزنى ئوشىقى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز.

مىسۋاك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

 

216.   سوئال: مىسۋاك دېگەن نېمە؟

          جاۋاب: مىسۋاك ـ «سالۋادورا پېرسكا» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ ياش نوتىسدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچ دېمەكتۇر. بۇ ياغاچتىن بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى 1 ياكى 2 سانتىمېتىر ئۇچلاپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ. مىسۋاك سۇدا يۇمشىغاندىن كېيىن خۇددى چىش چوتكىسىدەك پۇرشىلىق ھالغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان مىسۋاك دەل بۇ دەرەخنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ دەرەخ شەرقىي ئافرىقىدىن، ھىندىستانغىچە بولغان مەملىكەتلەردە يېتىشىدۇ.

217.   سوئال: مىسۋاكنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

          جاۋاب: تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئېغىزدا چىشلار تولۇق بولمىغاندا پسخولوگىيىلىك سەلبىياتلارمۇ كۆرىلىدۇ. چىشلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى چىشلارنىڭ ئارىلىقىدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرىدىن توپلانغان باكتېرىيەلەردۇر. ئېغىز، چىش ۋە چىشلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۆشلەرنى باكتېرىيەلەردىن ساقلاش ئۈچۈن چىش چوتكىسىنى قوللىنىش ئەھمىيەتلىكتۇر. بىراق چىش چوتكىسى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىلىرى (ياگولار) نورمالدىن ئارتۇق تەملىك بولغاچقا، ئۇ، ئېغىز تەمىنى بۇزىدۇ. ئەمما مىسۋاك ئۆزىنىڭ نورمال پۇرىقى ۋە ياخشى تەمى بىلەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تەمىنى بۇزمايدۇ. شۇڭا چىش چوتكىسىدىن مىسۋاكنىڭ ئەھمىيىتى كۆپتۇر.

تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار

 

218.   سوئال: تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

          جاۋاب: تاھارەت تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرەرسى بىلەن بۇزۇلىدۇ:

     (1) ئىنساننىڭ ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەت ئورگىنىدىن سۈيدۈك، چوڭ تەرەت، يەل، سپېرما، ۋەدى، مەزى ۋە باشقىلارنىڭ چىقىشى.

     (2) بەدەننىڭ قايسىبىر يېرىدىن قان، يىرىڭ ۋە سېرىق سۇنىڭ ئېقىشى.

     (3) ئېغىز توشقىچە قۇسۇش.

     (4) ئېغىزدىن قان چىقىشى (ئەمما تۈكرۈكتىن ئاز بولسا ياكى تۈكرۈكنىڭ رەڭگى قىزارمىسا زىيىنى يوق).

     (5) ھوشىدىن كېتىش.

     (6) مەس بولۇش.

     (7) ئەر – ئاياللارنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىنىڭ ئارىدا توساق بولماستىن بىر – بىرىگە تېگىشى.

     (8) ئۇخلاش. (ئەمما نامازدا ئۆرە تۇرغاندا ئېگىلمەستىن، ئولتۇرغاندا بىر يەرگە يۆلەنمەستىن مۈگدەش تاھارەتنى بۇزمايدۇ.)

     (9) نامازدا قاھقاھلاپ كۈلۈش.

تاھارەتنى بۇزمايدىغان ئىشلار

 

219.   سوئال: تاھارەتنى بۇزمايدىغان ئىشلار قايسىلار؟

          جاۋاب: تاھارەتنى بۇزمايدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) بەدەننىڭ قايسىبىر يېرىدىن قان چىقىپ، ئاقماستىن ئۆز ئورنىدا توختاپ قالغان بولسا؛

     (2) بەدەننىڭ قايسىبىر يېرىدىن گۆش ئاجراپ چۈشكەن بولسىمۇ، قان چىقمىغان بولسا؛

     (3) بەدەندىكى يارىدىن قۇرۇت چىققان بولسا؛

     (4) ئېغىز تولمىغان مىقداردا قۇسقان بولسا؛

     (5) ھەر قانداق بىر ئايالنى تۇتقان بولسا؛

     (6) جىنسىي ئورگاننى ھېسسىياتنى قوزغىمىغان دەرىجىدە تۇتقان بولسا؛

     (7) ئۆرە ياكى ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قالغان بولسا تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

220.   سوئال: تاھارەتتە شەككە چۈشۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

          جاۋاب: تاھارەت ئالغانلىقى ئېسىدە بار، ئەمما ئۇنىڭ بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىدا ئىككىلىپ شەككە چۈشۈپ قالغان ئادەم تاھارىتىنى بار دەپ ھېسابقا ئالىدۇ. بىراق تاھارىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ئېسىدە بار، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن تاھارەت ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان ئادەم تاھارىتى يوق ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر ئۆلۈمدىن شەك قىلىدىغان بولساڭ، ئۇخلىمىغىن،
قانداق ئۇخلىساڭ شۇنداق ئۆلىسەن، (ئۇخلىغاندەكلا ئۆلىسەن).


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.45 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:43:45 AM