مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› خانىم-قىزلار سەھىپىسى ئاياللار ۋە ئىسلام ›› ئاياللارغا خاس ھاللار ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
    
 
ئاياللارغا خاس ھاللار ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
يوللىغۇچى: ئامىنە  ئىنكاس سانى: 3  كۆرىلىش سانى :1627  ئاخىرقى خاتىرە :6/30/2010 1:30:19 AM by فۇرقان

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/30/2010 1:56:52 AM
ئامىنە
ئاللا مېھرىبان





ئالى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :مونا
يوللانما سانى:603
تەجىربىسى :3026
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/2/2009
يوقلىما: 5كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:6- تەرتىپ
ئاياللارغا خاس ھاللار ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى

228.   سوئال: ئاياللارغا خاس قانچە ھال بار؟

     ئاياللاردا ئۆزلىرىگە خاس ئۈچ ھال بار بولۇپ، ئۇلار:

     (1) ئايلىق ھالى( ھەيىزدارلىق ھالى).

     (2) تۇغۇتلۇق ھالى(نىفاسلىق ھالى).

     (3) ئۆزۈرلۈك ھالى(مۇستەھازىلىك ھالى).

ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالى

 

229.   سوئال: ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالى دېگەن نېمە؟

          جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالى - ئايلىق ئادەتنىڭ قېنىنى كۆرۈش يېشىدىكى ئاياللارنىڭ، كېسەللىكتىن ئەمەس، بەلكى نورمالدىكى ئايلىق ئادىتى بويىچە بالا ياتقۇلىرىدىن ئايلىق قېنىنىڭ كېلىشى دېمەكتۇر.

230.   سوئال: ئاياللارنىڭ ئايلىق ئادىتىنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟

          جاۋاب: ئاياللاردىكى ئايلىق ئادەت مۇددىتىنىڭ ئېزى ئۈچ كۈن، كۆپى 10 كۈن، نورمال مۇددىتى بەش كۈن بىلەن يەتتە كۈن ئارىسىدا بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالى

 

231.   سوئال: ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالى دېگەن نېمە؟

          جاۋاب: ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالى - تۇغۇتتىن كېيىن، توغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلانغىچىلىك بولغان مەزگىل دېمەكتۇر.

232.   سوئال: ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟

          جاۋاب: ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالى توغۇتنىڭ قېنىنىڭ تۈگىشى بىلەن تاماملىنىدۇ. قاننىڭ تۈگەش مۇددىتىنىڭ ئېزى بىرقانچە مىنۇت، كۆپى 40 كۈندۇر. قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتكىنى ئۆزۈرلۈك ھالى ھېسابلىنىدۇ.

233.   سوئال: ئاياللار ئادەت كۆرگەن ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قېنىدىن پاكلىنىپ بولمىغان ۋاقىتلىرىدا قانداق ئىشلارنى قىلمايدۇ؟

           جاۋاب: ئايلىق ئادەتنىڭ ۋە توغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلانمىغان مۇددەت ئىچىدىكى ئاياللار ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) ناماز ئوقۇش.

     (2) روزا تۇتۇش.

     (3) قۇرئاننى تۇتۇش ۋە ئوقۇش. (ئەگەر قاپچۇقى بىلەن تۇتسا بولىدۇ).

     (4) مەسجىدكە كىرىش.

     (5) تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش.

     (6) ئېتىكاپ قىلىش.

     (7) كەبىنى تاۋاپ قىلىش.

     (8) جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش.

     ئاياللار قانلىرىدىن پاكلانغاندىن كېيىنلا غۇسلى قىلىشى ۋاجىبتۇر.

234.   سوئال: ئاياللار يۇقىرىقى ھاللىرىدا ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنى قانداق قىلىدۇ؟

          جاۋاب: ئاياللار يۇقىرىقى ھاللار سەۋەبلىك ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. ئەمما تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

235.   سوئال: ئايلىق ئادىتى ۋە توغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلىنىپ بولمىغان ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟

          جاۋاب: ئايلىق ئادىتى ۋە توغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلىنىپ بولمىغان ئاياللارنىڭ قېنى توختاپ، تولۇق پاكلانمىغىچە، ئۇلارغا بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قەتئىي ھارامدۇر. بۇ ئەر – ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن كۆپ زىيانلىق.

ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالى

 

236.   سوئال: ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالى دېگەن نېمە؟

          جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالى - ئايلىق ئادەت كۆرۈش مۇددىتى ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ ئۈچ كۈندىن ئاز ياكى ئون كۈندىن كۆپ، تۇغۇتلۇق مۇددىتى ئىچىدىكىلەردىن قىرىق كۈندىن كۆپ، قىزلاردىن توققۇز ياشقا تولۇشتىن بۇرۇن ۋە چوڭ ئاياللاردىن ئادەت كۆرۈش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بالا ياتقۇلىرىدىن قان كېلىشى ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالى دېيىلىدۇ.

237.   سوئال: ئۆزۈرلۈك ھالىدىكى ئاياللار ئىبادەتلەرنى قىلالامدۇ؟

          جاۋاب: ئاياللار ئۆزۈرلۈك ھاللىرىدا، ئىبادەتلەرنى قىلالايدۇ. ھەتتا قان توختىماي ئېقىپ تۇرسىمۇ، ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ئالاھىدە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. نامازنىڭ ۋاقتى چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولىدۇ. ئاياللار ئۆزۈرلۈك ھاللىرىدىمۇ جىنسىي مۇناسۋەتتە بولالايدۇ.

تاھارەتسىز ۋە جۇنۇپ كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار

 

238.   سوئال: تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار قايسىلار؟

          جاۋاب: تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:

     (1) ناماز ئوقۇش.

     (2)قۇرئاننى تۇتۇش.

     (3) كەبىنى تاۋاپ قىلىش.

239.   سوئال: جۇنۇپ كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار قايسىلار؟

          جاۋاب: جۇنۇب(غۇسلى قىلىشى پەرز بولۇپ قالغان كىشى) ئۈچۈن، تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان يۇقىرىقى ئۈچ ئىش بىلەن بىرلىكتە، تۆۋەندىكى ئىككى ئىش مەنئى قىلىنىدۇ:

          (4) قۇئاننى يادىسىغا بولسىمۇ ئوقۇش. جۇنۇپ كىشىنىڭ بىرەر ئايەتنىمۇ يادىسىغا ياكى قاراپ ئوقۇشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

          (5) مەسجىدكە كىرىش ۋە ئۇنىڭدا ئېتىكاپ قىلىش. جۇنۇپ كىشىنىڭ قايسىبىر سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، مەسجىدكە كىرىشى ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى 1/30/2010 1:58:56 AM ئامىنە تەستىقلىغان!

ئەگەر ئۆلۈمدىن شەك قىلىدىغان بولساڭ، ئۇخلىمىغىن،
قانداق ئۇخلىساڭ شۇنداق ئۆلىسەن، (ئۇخلىغاندەكلا ئۆلىسەن).

[ئامىنە تەرىپىدىن 6/21/2010 2:11:04 AM تەھرىرلەندى]سەۋەبى:

يوللانغان ۋاقتى : 6/20/2010 11:16:13 PM
فۇرقان





ئادەتتىكى ئەزا

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:22
تەجىربىسى :105
تىزىملاتقان ۋاقتى:6/17/2010
يوقلىما: 29كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:85- تەرتىپ
 قۇرئان كەرىم سۇرە ۋاقىئە  78-ئايەتتە(ئۇنى پاك بولغۇچىلار تۇتىدۇ.)دەپ  مۇشۇنداق دەپ ئايەت تۇرسا ئۇنىڭدا  ئوقۇمايدۇ دەيدىغان ئىبارە بولمىسا نىمىشقا  جۇنۇپ ئادەم ئايەتنى قاراپ ياكى يادىغا ئوقىسا بولمايدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 6/26/2010 12:41:41 PM
ئايقۇت
ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ





باشلامچى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :ياۋايى
يوللانما سانى:328
تەجىربىسى :3597
تىزىملاتقان ۋاقتى:6/24/2010
يوقلىما: تۈنۈگۈن كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:4- تەرتىپ

فورقان قېرىندىشىم . جۇنۇپ بولغان كىشى پاكلانمىغان بولغاچقا ئەلۋەتتە ئوقۇمايدۇ - دە،

ئۆزىڭىزمۇ 

 قۇرئان كەرىم سۇرە ۋاقىئە  78-ئايەتتە(ئۇنى پاك بولغۇچىلار تۇتىدۇ.)

دەپ يوللاپسىزغۇ بولمىسا...خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئوخشايسىز

اللە بىر كىشىگە شۈكرى قىلىدىغان دىل، زىكىر قىلىدىغان تىل ۋەسەۋرى
قىلىدىغان تەن ئاتا قىلسا،شەكسىز ئۇ كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دوزاخ
ئازابىدىن ساقلانغان بولىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى : 6/30/2010 1:30:19 AM
فۇرقان





ئادەتتىكى ئەزا

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:22
تەجىربىسى :105
تىزىملاتقان ۋاقتى:6/17/2010
يوقلىما: 29كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:85- تەرتىپ

خاتا چۈشەنمىدىم تۇتىدۇ بىلەن  ئوقۇيدۇ   دىگەننىڭ  ئەرەپ تىلىدىكى لۇغەت پەرقى بار بولغاچقا  شۇڭا سورىدىم.

 


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 1.58 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 9:53:21 AM