مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› غۇسلى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
    
 
غۇسلى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
يوللىغۇچى: ئامىنە  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :1316  ئاخىرقى خاتىرە :1/30/2010 2:09:29 AM by ئامىنە

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/30/2010 2:01:14 AM
ئامىنە
ئاللا مېھرىبان





ئالى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :مونا
يوللانما سانى:603
تەجىربىسى :3026
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/2/2009
يوقلىما: 5كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:6- تەرتىپ
غۇسلى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

240.   سوئال: غۇسلى دېگەن نېمە؟

          جاۋاب: غۇسلى - پاكلىنىش نىيىتى بىلەن پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش ئارقىلىق ئومۇمىي چوڭ تازىلىق قىلىش دېمەكتۇر.

غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان ئىشلار

241.   سوئال: غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟

          جاۋاب: غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. (گەرچە سپېرما چىقمىغان تەقدىردىمۇ، ئەر - ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن غۇسلى قىلىش پەرزدۇر).

     (2) قايسىبىر سەۋەب بىلەن سپېرمىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى.

     (3) ئۇيقۇدا قانداقلا بىر كەيپىيات بىلەن بولمىسۇن، سپېرمىنىڭ چىقىشى.

     (4) تۇغۇت ۋە ئايلىق ئادەتنىڭ قانلىرىنىڭ توختىشى.

     (5) مەسلىكتىن، ھۇشسىزلىقتىن ئەسلىگە كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزىدە سپېرما جىنسىدىن بىر ھۆللۈكنى بايقىشى.

غۇسلىنىڭ تۈرلىرى

 

242.   سوئال: غۇسلى قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟

          جاۋاب: غۇسلى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرى: پەرز بولغان غۇسلى، يەنە بىرى، سۈننەت بولغان غۇسلى، ئۈچىنچىسى مۇستەھەب بولغان غۇسلىدۇر.

243.   سوئال: پەرز بولغان غۇسلى قايسى؟

          جاۋاب: غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرسى يۈز بەرگەندىن كېيىن غۇسلى قىلىش پەرزدۇر.

244.   سوئال: سۈننەت بولغان غۇسلى قايسىلار؟

          جاۋاب: تۆۋەندىكى تۆت ئىش ئۈچۈن غۇسلى قىلىش سۈننەتتۇر.

     (1) جۈمە نامىزىغا بېرىش ئۈچۈن. سۈننەت بولغان يۇيۇنۇشنىڭ ۋاقتى: جۈمە كۈنى ئەتىگەندىن جۈمەنىڭ ۋاقتىغىچە بولىدۇ.

     (2) ھېيت نامازلىرىغا بېرىش ئۈچۈن.

     (3) ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلاش ئۈچۈن.

     (4) ھەج قىلغان كىشىنىڭ ئەرەپاتتا ئىمكانىيەت بولسا، قۇياش كۈن پېتىش تەرەپكە قايرىلغاندىن كېيىن غۇسلى قىلىشى سۈننەتتۇر.

245.   سوئال: مۇستەھەب بولغان غۇسلى قايسىلار؟

          جاۋاب: مۇستەھەب بولغان غۇسلى تۆۋەندىكىلەر:

     (1) مەسجىدى ھەرەمگە كىرىش ئۈچۈن غۇسلى قىلىش.

     (2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە كىرىش ئۈچۈن غۇسلى قىلىش.

     (3) ئىمكانىيەت بولسا، مۇزدەلىفەدىمۇ غۇسلى قىلىش.

     (4) مېيىتنى يۇغاندىن كېيىن غۇسلى قىلىش.

     (5) قان ئالدۇرغاندىن كېيىن غۇسلى قىلىش.

     (6) قەدىر كېچىسىنى ئۇچراتقاندا غۇسلى قىلىش.

     (7) ھۇشىدىن كېتىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن غۇسلى قىلىش.

     (8) ساراڭلىقتىن ئوڭشالغاندىن كېيىن غۇسلى قىلىش.

     (9) مەسلىكتىن يېشىلگەندىن كېيىن غۇسلى قىلىش.

     (10) سەبى قىز ـ ئوغۇللار ئادەت ياكى ئېھتىلام كۆرمەستىن 15 ياشقا كىرسە، ئۇلارنى بالاغەتكە يەتتى دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ غۇسلى قىلىشى مۇستەھەبتۇر. (ئەمما قىزلار ئادەت كۆرگەن، ئوغۇللار ئىھتىلام بولغاندا، ئۇلارنىڭ غۇسلى قىلىشى پەرزدۇر.)

     (11)كاپىر كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن غۇسلى قىلىشى.

غۇسلىنىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرى

 

246.   سوئال: غۇسلىنىڭ پەرزى قانچە؟

          جاۋاب: غۇسلىنىڭ پەرزى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار:

     (1) ئېغىزغا سۇ ئېلىپ تولۇق چايقاش.

     (2) بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلاش.

     (3) پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش.

247.   سوئال: غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟

          جاۋاب: غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى يەتتە بولۇپ، ئۇلار:

     (1) غۇسلى قىلىشنى نىيەت قىلىش.

     (2) بسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دېيىش.

     (3) ئىككى قولنى بېغىشىغىچە يۇيۇش.

     (4) بەدەندە سپېرما ياكى باشقا نىجاسەت بولسا ئۇنى غۇسلىدىن ئاۋۋال يۇيۇپ تازىلاش.

     (5) جىنسىي ئەزانى يۇيۇش.

     (6) نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش.

     (7) پۈتۈن بەدەننى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم يۇيۇش.

غۇسلى قىلىشنىڭ قائىدە – تەرتىبى

 

248.   سوئال: غۇسلى قىلىشنىڭ قائىدە – تەرتىبى قانداق؟

          جاۋاب: غۇسلى تۆۋەندىكى تەرتىب بويىچە قىلىنىدۇ:

     (1) ئاۋۋال غۇسلى قىلىشنى نىيەت قىلىپ،»بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم» دەيمىز.

     (2) ئىككى قولىمىزنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن جىنسىي ئەزانى يۇيىمىز، ئاندىن بەدەندە سپېرما ياكى باشقا نىجاسەتلەر بولسا، ئۇنى تازىلايمىز.

     (3) يۇقىرىقىلارنىڭ ئورۇندىغاندىن كېيىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالىمىز. (ئەگەر يۇيۇنغان يەر سۇ توپلاشقان يەر بولسا، ئىككى پۇتىمىزنى يۇيۇشنى كېچىكتۈرۈپ، غۇسلىنىڭ ئاخىرىدا يۇيىمىز).

     (4) تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال بېشىمىزغا ئاندىن ئوڭ ۋە سول مۈرىلىرىمىزگە ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىم سۇ قويۇپ، ھەر قېتىم سۇ قۇيغاندا بەدەننىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز. بەدەندە يىڭنىنىڭ ئۇچى چاغلىق قورۇق يەر قالماسلىقى شەرت. بۇنىڭ بىلەن غۇسلىنى تاماملىغان بولىمىز.

     غۇسلى قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ چاچلىرىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە سۇنى يەتكۈزۈشى شەرتتۇر. ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆرەلگەن چاچلىرىنى يېشىشى شەرت ئەمەس. پەقەت چاچنىڭ ئاستىغا سۇ يەتكۈزۈشى يېتەرلىكتۇر. ئۆرەلگەن چاچنى ھۆل قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

     ئاقىدىغان سۇ ياكى چوڭ كۆلگە غۇسلى قىلىش نىيىتى بىلەن شۇڭغۇش غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.

ئەگەر ئۆلۈمدىن شەك قىلىدىغان بولساڭ، ئۇخلىمىغىن،
قانداق ئۇخلىساڭ شۇنداق ئۆلىسەن، (ئۇخلىغاندەكلا ئۆلىسەن).


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.17 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:55:04 AM