مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
    
 
ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
يوللىغۇچى: ئامىنە  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :1194  ئاخىرقى خاتىرە :1/30/2010 2:09:29 AM by ئامىنە

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/30/2010 2:05:40 AM
ئامىنە
ئاللا مېھرىبان





ئالى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :مونا
يوللانما سانى:603
تەجىربىسى :3026
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/2/2009
يوقلىما: 5كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:6- تەرتىپ
ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى

نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى

 

255.   سوئال: ناماز دېگەن نېمە؟

          جاۋاب: ناماز- مەخسۇس كەيپىياتلىرى ۋە بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھقا قىلىنىدىغان بەندىچىلىك بۇرچى. ناماز ئىماندىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ئىبادەتتۇر.

256. نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى نېمە؟

     ئىماندىن كېيىنلا مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئاۋۋال بۇيرۇلغان ئىبادەت نامازدۇر. ئىسلام دىنىدا نامازنىڭ مەرتىۋسىگە ۋە ئۇلۇغلىقىغا يېتەلەيدىغان ئىككىنچى بىر ئىبادەت يوقتۇر. بۇ مۇنداق:

     (1) ناماز ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي تېرىكىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيـدۇ: «دىننىڭ بېشى ئىسلام، ئۇنىڭ ئاساسلىق تېرىكى نامازدۇر»([1]).

     (2) ناماز قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان بىردىنبىر ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارغا دىندا ئەڭ ئاۋۋال پەرز قىلىنغان ئىبادەت نامازدۇر. ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغان ئىبادەتمۇ نامازدۇر. قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان ئەمەلمۇ نامازدۇر»([2]).

     (3) ناماز - دىن يوقالمايدىكەن قەتئى يوقالمايدىغان ئىبادەتتۇر. چۈنكى ناماز دىننىڭ شۇئارىدۇر.

     (4) ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدا، سەكەراتتا تۇرۇپ «نامازنى تەرك ئەتمەڭلار! نامازنى تەرك ئەتمەڭلار!»([3]) دەپ ۋەسىيەت قىلغان.

     (5) نامازنىڭ پەرز بولغانلىق قىسسىسىمۇ، نامازنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئىبادەت ئىكەنلىكىگە ئايرىم دەلىلدۇر. چۈنكى پۈتۈن ئىبادەتلەر زېمىندا پەرز قىلىنغان بولسا، بەش ۋاخ ناماز ئىسرا - مىراج كېچسى ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا بىۋاسىتە ئەمر قىلىش ئارقىلىق ئاسماندا پەرز قىلىنغان.

نامازنىڭ تەلەبكە لايىق ئوقۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

 

257.   سوئال: قانداق قىلغاندا نامازنى تەلەبكە لايىق ئوقۇغىلى بولىدۇ؟

          جاۋاب: ئىسلام دىنىدا تەلەب قىلىنغان ناماز ئەقىل بىلەن قەلب پەرۋاسىز ھالدا تىل بىلەن بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەنلا ئورۇندىلىدىغان ھەرىكەت ئەمەس. بەلكى تەلەبكە لايىق، ھەقىقىي ناماز ــ ئۇنىڭدا ئەقىل، قەلب ۋە پۈتۈن ھېسسىي ۋە غەيرى ھېسسىي ئەزالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ئۆز نېسىۋىسىنى ئالالىغان نامازدۇر.

     نامازدا ئەقىل، قەلب، ھېسسى ۋە غەيرى ھېسسىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا بىرگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

     ئەقىلنىڭ ئەمەللىرى

     (1) نامازدا ئەقىل ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا، پۈتۈن خىيالىنى يىغىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلاپ تۇرىدۇ.

     (2) نامازدا ئەقىل بارلىق ھىممىتى ۋە كۈچىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى بۇ ئۇلۇغ مۇلاقاتقا بېغىشلاپ تۇرىدۇ.

     (3) نامازدا ئەقىل ئاللاھتىن باشقا ھەممىدىن ئايرىلغان ھالدا كەمتەرلىك بىلەن تۇرىدۇ.

     (4) نامازدا ئەقىل دۇنيالىق ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۆزگەن ھالدا، بىر ئاللاھقىلا قاراپ تۇرغاندەك ھېس - تۇيغۇ بىلەن ئەيمىنىپ تۇرىدۇ.

     قەلبنىڭ ئەمەللىرى

     (1)نامازدا قەلب ئاللاھقىلا بېغىشلانغان ھالدا، ئۇنىڭ بىلەنلا بولىدۇ.

     (2) نامازدا قەلب ئاللاھ تائالانىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.

     (3) نامازدا قەلب ئاللاھ تائالاغا يېلىنىش ۋە يالۋۇرۇش بىلەن تۇرىدۇ.

     (4) نامازدا قەلب ئاللاھ بىلەن بىۋاسىتە مۇلاقاتتا بولۇپ تۇرىدۇ.

     ھېسسى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى

     (1) نامازدا تىل ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرىدۇ.

     (2) نامازدا كۆز پۈتۈن ھەرىكەتلىرىنى يىغىپ، سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ دىققەت بىلەن تۇرىدۇ.

     (3) نامازدا قۇلاقلار نامازدىكى قىرائەتتىن باشقا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن گاس بولغان ھالدا تۇرىدۇ.

     (4) نامازدا ئىككى قول ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىكنى ئىپادىلىگەن ھالدا كىندىكنىڭ ئۈستىدە باغلىنپ تۇرىدۇ.

     تاشقى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى

     (1) نامازدا ئىككى پۇت، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق پەرمانىغا ھازىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھالدا تۈپتۈز ۋە راۋۇرۇس تۇرىدۇ.

     (2) نامازدا باش ئاللاھ تائالاغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھالدا كەمتەرلىكتىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن رۇكۇدا ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۆۋەنگە ئىگىلىدۇ. ئاندىن سەجدىدە يەرگە تېگىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا بولغان قۇلچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ.

     (3) نامازدا يۈز ئاللاھ تائالانىڭ مەنىۋى مۇلاقاتىغا يۈزلىنپ تۇرىدۇ. سەجدىدە بولسا، ئاللاھ تائالانى ئەڭ كۆرۈنەرلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاش ۋە ھەقىقىي قۇلچىلىقنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بۇ ھۆرمەتلىك يۈز ئالتە ئەزا بىلەن بىرلىكتە يەرگە قويۇلىدۇ.

     (4) نامازدا رۇكۇ قىلغاندا بەل ئاللاھ تائالاغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىگىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئىنساندىكى پۈتۈن ئورگانلارمۇ نامازدا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئىتائەتچانلىق بىلەن تۇرۇپ يۇقىرىقى ئەزالارغا ئىشتىراك قىلىدۇ.


 


([1])   تىرمىزى رىۋايىتى

([2])   ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى

([3])   ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان

ئەگەر ئۆلۈمدىن شەك قىلىدىغان بولساڭ، ئۇخلىمىغىن،
قانداق ئۇخلىساڭ شۇنداق ئۆلىسەن، (ئۇخلىغاندەكلا ئۆلىسەن).


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.25 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 11:31:35 AM