مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ئەقىدە ›› ئىسلام دىنىدىكى نامازلارنىڭ تۈرلىرى
    
 
ئىسلام دىنىدىكى نامازلارنىڭ تۈرلىرى
يوللىغۇچى: ئامىنە  ئىنكاس سانى: 0  كۆرىلىش سانى :1226  ئاخىرقى خاتىرە :1/30/2010 2:09:29 AM by ئامىنە

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 1/30/2010 2:08:27 AM
ئامىنە
ئاللا مېھرىبان





ئالى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :مونا
يوللانما سانى:603
تەجىربىسى :3026
تىزىملاتقان ۋاقتى:4/2/2009
يوقلىما: 5كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:6- تەرتىپ
ئىسلام دىنىدىكى نامازلارنىڭ تۈرلىرى

264.   سوئال: ئىسلامدا قانچە تۈرلۈك ناماز بار؟

          جاۋاب: ئىسلامدا 5 تۈرلۈك ناماز بار. ئۇلار:

     (1)پەرز نامازلار.

     (2) ۋاجىب نامازلار.

     (3)سۈننەت نامازلار

     (4)مۇستەھەب نامازلار.

     (5) نەپلە نامازلار.

265.   سوئال: پەرز نامازلار قايسى نامازلار؟

          جاۋاب: پەرز نامازلار تۆۋەندىكىلەردۇ ر:

     (1)كۈنلۈك بەش ۋاخ ناماز.

     (2)جىنازا نامىزى.

     (3) ئەرلەر ئۈچۈن جۈمە نامىزى.(ئاياللارنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇشلىرى پەرز ئەمەس، ئەگەر ئوقۇسا ساۋاب بولىدۇ ۋە شۇكۈننىڭ پىشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ)

266.   سوئال: ۋاجىب نامازلار قايسىلار؟

          جاۋاب: ۋاجىب نامازلار تۆۋەندىكىلەر:

     (1)ۋىتىر نامىزى.

     (2)ئىككى ھېيت نامازلىرى.

     (3)ئوقۇشنى (نەزرە قىلىپ) ئاتىۋەتكەن نامازلار.

267.   سوئال: سۈننەت نامازلار قايسىلار؟

          جاۋاب: سۈننەت نامازلار تۆۋەندىكىلەر:

     (1)بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى.

     (2)تەراۋىھ نامىزى.

     (3)مەسجىدكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان (تەھىيەتۇل مەسجىد) نامىزى.

268.   سوئال: مۇستەھەب نامازلار قايسىلار؟

          جاۋاب: مۇستەھەب نامازلار مۇنۇلار:

     (1)چاشگاھ نامىزى.

     (2)تەھەججۇت(كېچە) نامىزى.

     (3)تاۋاپ نامىزى.

269.   سوئال: نەپلە نامازلار قايسىلار؟

          جاۋاب: نەپلە نامازلار تۆۋەندىكىلەر:

     (1) تەۋبە نامىزى

     (2)ئستىخارە نامىزى

     (3)ھاجەت نامىزى

     (4)ئەۋۋابىين نامىزى

     (5)تەسبىھ نامىزى

بەش ۋاخ نامازنىڭ ھۆكمى ۋە تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى

 

270.   سوئال: بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

          جاۋاب: ھەرقانداق بالىغ، ئاقىل بولغان مۇسۇلمان كىشىگە كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش پەرز ئەيندۇر.

     ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى.([1]) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بەندىلەرگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلدى، كىمىكى بەش ۋاخ نامازنى ئەھمىيەتسىز ساناپ، ئۇلارنى زايا قىلىۋەتمەستىن، تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ئەھدىسى باردۇر. كىمكى بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلمايدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە ئەھدىسى يوقتۇر، خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.»([2])

271.   سوئال: نامازنى تەرك ئېتىشنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟

          جاۋاب: نامازلارنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن تەرك ئېتىشنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن ئەڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىدە، نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوقتۇر. بۇ مەسىلىدە ئىسلام ئۆلۈمالىرى ئارىسىدا ھېچبىر ئىختىلاپ يوق. نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

     (1) نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىق يۈزىسىدىن نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەر بولۇپ، مۇنداقلار شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ(شۈبھىسىز)ھەدىسلەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئەھكاملارنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

     (2) نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكى ئىككى خىل كىشىلەردۇر: بىرىنچىسى، دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئالاقىسىز ھالدا، ئادەمزات بارمايدىغان يىراق چۆللەردە، تاغلاردا ۋە ئورمانلىقلاردا ياشىغانلىقىدىن، نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سوراپ ئۆگىنىش ئۈچۈن، دىننىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان بىرەر ئالىمنىڭمۇ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھاياتىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى تۈپەيلى ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەر.

     يەنە بىرى، ئىسلام دىنىنى ئەمدىلا قوبۇل قىلغان بولۇپ، نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئوقۇشنىڭ قائىدە ـ تەرتىبلىرىنى ئۆگىنىپ بولغىچىلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ناماز ئوقۇيالمىغان كىشىلەر. يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇمىغانلىقتىكى ئۆزۈرلىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلاردىن نامازنى تەرك ئەتكەنلىكىنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ(ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق.([3])

     بىراق ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە، دۇنيانىڭ قايسىبىر بولۇڭ ـ پۇچقىقىدا ياشىغان بولمىسۇن نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋە ئاڭلىمىغان بىرەر مۇسۇلماننىڭ تېپىلىشى تەسەۋۋۇردىن يىراق، ئەلۋەتتە.

     (3) نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، نامازغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلكتىن نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇمىغانلىقتىكى ھېچقانداق ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەمما ھەيىزدار ۋە نىفاسدار ئاياللار ھەيىزدارلىق ۋە نىفاسدارلىق ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ. كېيىنمۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. بىراق رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى پاك بولغاندىن كېيىن ئادا قىلىدۇ.


 


([1])   نىسا سۈرىسى 103 – ئايەت

([2])   نەسائىي رىۋايىتى

([3])   ئىسرا سۈرىسى 15 - ئايەت

ئەگەر ئۆلۈمدىن شەك قىلىدىغان بولساڭ، ئۇخلىمىغىن،
قانداق ئۇخلىساڭ شۇنداق ئۆلىسەن، (ئۇخلىغاندەكلا ئۆلىسەن).


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.55 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:32:55 AM