مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئەدەبىيات گۈلزارى ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ›› ئوباما ۋە نوپۇسسىز ئۇيغۇرلار

ئوباما ۋە نوپۇسسىز ئۇيغۇرلار
يوللىغۇچى: ۋەتەن  ئىنكاس سانى: 3  كۆرىلىش سانى :1441  ئاخىرقى خاتىرە :5/26/2010 5:12:45 AM by ئىسيانكار

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 3/7/2010 8:45:35 AM
ۋەتەن

مەرىپەتداش

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:70
تەجىربىسى :103
تىزىملاتقان ۋاقتى:3/5/2010
يوقلىما: 27كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن

مۇنبەردىكى تەرتىپى:87- تەرتىپ
ئوباما ۋە نوپۇسسىز ئۇيغۇرلار

ئوباما ۋە نوپۇسسىز ئۇيغۇرلار

ئوباما ئامېرىكىغا پرېزدېنت بولدى،دۇنيا شاتلىققا تولدى.كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا پرېزدېنتىغا بولغان قىزىقىشى ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا بولغان قىزىقىشىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئۈستۈن.بۇ يەردە نۇرغۇن سەۋەب بار.دۇنايادا ھەتتا ئامېرىكا پرېزدېنتىنى دۇنيا خەلقى ئورتاق سايلاپ چىقىشى كېرەك دېگەن چۈشەنچىمۇ خېلى خېرىدارلىق.
مېنى خوشال قىلغىنى بىر مەغلۇپ سىياسىيوننىڭ سىياسى سەھنىدىن يوقۇلىشى ۋە بىر ئۈمىدلىك ،قىزغىن يىگىتنىڭ غايىۋىي پىلانلار بىلەن ئامېرىكا خەلقىنى قايىل قىلىشىدۇر.ئامېرىكا خەلقى ھەقىقى ئۇلۇق خەلقۆەن دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.نوپۇسنىڭ ئون پىرسەنتىدىن سەل ئاشىدىغان ،قارا تەنلىكلەردىن بولغان بىر كىشىنى ئۆزىگە باش قىلدى.
كىنىيەلىك كۆچمەننىڭ بالىسىغا ئۆز سىياسى تەقدىرىنى تۇتقۇزدى،مانا بۇ ئىنسانغا بولغان ھۆرمەت،مانا بۇ ئىنساننىڭ قابىلىيىتىگە بولغان غەرەزسىز ئىشەنچ،مانا بۇ ئىنساننىڭ تېرىسى،مىللىتى ۋە ئىتىقادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئىتىراپ قىلىنىشى،ئىنسانى قىممەتنىڭ مۇتلەق ۋە دەخىلسىزلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى.

ئەمدى گەپ نوپۇسسىز ئۇيغۇرغا كەلدى.بىز بۇ يەردە پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نوپۇسسىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىلا توختىلىمىز.چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە سەئۇدى ئۇيغۇرلىرى ۋەتەندىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50 -يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سەئۇدىدا تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەتتۇر.سۇئۇدى ئۇيغۇرلىرى تۈرلۈك ساۋابلىق خىزمەتلىرى بىلەن بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.ئەمما بىر ئاشكارە مەخپىيەت شۇكى ئۇلارنىڭ خېلى كۆپى ھازىرغىچە نوپۇسسىز.(كۆپۈنچى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئاسانلىقچەپۇخرالىق بەرمەيدۇ)ئاڭلىشىمچە بىر قىسمىدا تەيۋەن پاسپورتى باركەن ،لېكىن بۇنداقلارنىڭ سانى ئازمىش.شۇ چاغدا تۈركىيەگە ۋە ياۋرۇپاغا كەتكەنلەر ئاللىقاچان نوپۇسلۇق بولۇپ كەتكەنىكەن.
قاراڭ نوپۇسى 60مىڭدىن ئاشىدىغان بىر مىللەت ناۋادا نوپۇس ئالالىغان بولسا ئۇلاردىن پرېزدېنت چىقماسمىدى؟
ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدىغا بارغان ئەڭ ئاخىرقى بىر توپىنىڭ شۇ يەردە تۇغۇلغان بالىلىرمۇ 60قا كىرەي دەپ قالدى.ئۇلاردىن ئابدۇلقادىر تاش،رەھمەتۇللاھ ھاجىمدىن باشقا كىم چىقتى.ئەگەر شۇلار ئامېرىكىغا يەرلەشكەن بولسىچۇ؟ئۇلاردىن ئوبامادەكلەر چىقماسمىدى؟؟ئالىملار،ئىجىنىرلار،مۇتەخەسىسلەر چىقماسمىدى؟
ئىگىلىشىمىزچە، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى نەدە ياشاشنى خاھلايدىغانلىقىنى سورىغانىكەن.ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سەئۇدىنى تاللىغانمىش،تاللاشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپ مەككە بولغانمىش.بەلكىم ئەينى چاغدىكى كىشىلىرىمىز ئاللاھنى مەككىدە،جەننەتكە مەككە ئەڭ يېقىن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.
بەلكىم ئوباما كىنىيەلىك مۇسۇلمان دادىسىدىن پەخىرلىنىدىغاندۇر،بەلكىم دادىسىدىن جىق رازىدۇر.ئوباما ھەقلىق،ئويلاپ كۆرەيلى ،ئەگەر كىنىيەلىك مۇسۇلمان مەككە تاماسىدا ئەرەبىستاننى تاللىغان بولسا ،ئوباما ھازىر بەلكىم ھورۇن ئەرەبلەرنىڭ ئاللاھ بەرگەن بىكارلىق نىفىت سەۋەبلىك مايلاشقان سېمىز بەدىنىنى ئۇۋلاشقا چاكار بولغان بولاتتى.
ئۈرۈمچىدىكى بايلارنىڭ بالىلىرىنى ھەدىسىلا مىسىر،ئەرەبىستانغا چىقىرىپ مىڭ يىل بۇرۇنقى مەدىرىس مائارىپىغا قۇل قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە،تاپقان پۇلىغا خەن جۈيجاڭنى باي قىلىپ ئارقا ئىشىك بىلەن ھەرەمگە مېڭىشلىرىنى ئويلىغىنىمدا ھەسرەتلىك تولغىنىمەن.خۇددى كۆزۈمگە ئوبامادەك ئادەمنى سايلىيالايدىغان ساپا خەلقىمىزدىن بەك يىراقتەك،ئوبامادەك پەرزەنت تەربىيەلىيەلەيدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان دادا تېخى تۇغۇلمىغاندەك ئويلاپ كېتىمەن.

مەنبە: http://bilik.cn/?dp-bbsthread-20195.html

يوللانغان ۋاقتى : 3/10/2010 2:45:35 PM
ئائىشە

ئادەتتىكى ئەزا

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:27
تەجىربىسى :163
تىزىملاتقان ۋاقتى:2/4/2010
يوقلىما: ئۈلۈشكۈن كەلگەن

مۇنبەردىكى تەرتىپى:60- تەرتىپ
(ئۈرۈمچىدىكى بايلارنىڭ بالىلىرىنى ھەدىسىلا مىسىر،ئەرەبىستانغا چىقىرىپ مىڭ يىل بۇرۇنقى مەدىرىس مائارىپىغا قۇل قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە)  مۇسۇلماننىڭ ئۆزدىنىنى ئۇگۇنىشى،بىلىشى ۋاجىپ....بۇنداق تىمىلارغا ھەممىمىزنىڭ سۇكۇت ئىچىدە تۇرغانلىقىمىزغا ھەيرانمەن،......ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مەككىدە ئۆزنىڭ ئازغىنا ياردەمچىلىرى بىلەن مۇھاسىرگە چۇشۇپ قالغاندا مۇنداق دىگەن<ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،ھەق ئىگىسىگە يەريۇزدىكىلەر قارشى چىقسىمۇ خار بۇلۇپ قالمايدۇ،يەنە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ھەقسزلەرنىڭ پىشانىسى ئايغا تاقاشسىمۇ ئەزىز بۇلۇپ قالمايدۇ>.

يوللانغان ۋاقتى : 3/10/2010 3:06:56 PM
heqyol

يىڭى ئەزا

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:1
تەجىربىسى :1
تىزىملاتقان ۋاقتى:12/3/2009
يوقلىما: 182كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن

مۇنبەردىكى تەرتىپى:345- تەرتىپ

ئوباما؟ ئۇ ساختىپەزنىڭ پىرىزدېنت بولۇپ -ىسلام ئەللىرىگە بارغاندىلا ئۇنىڭ ساختىپەزلىگىنى ئويلىغان ئىدىم. كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ بولۇپ ئاخىرى نېمە قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يالغانچى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىنى تاقىدىمۇ؟ تاقاشنى كىچىكتۈردى. ئەمدىلىكتە بولسا تېرورچىلارغا قارشى تۇرىمىز دەپ ئافغانىستانغا ئەسكەر يۆتكەپ باشقىلارنىڭ دۆلىتىگە بېسىپ كىرىپ تېرورلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ قاتىللىقنى باشلىۋەتتى كىيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ اللە ئۈزى بىلىدۇ.

يۇقاردا دىيىلگەندەك ئۈرۈمچىلىكلەر باللىرىنى مىسىرغا يوللاپ مانچە يىللىق تارىخى مەدىرىستە ئوقۇتىمىز دەپ يوللاۋاتىدۇ دەيسىز. بۇنىڭ نەرى خاتا؟ ئۇنداق قىلماي دېموكراتىيە بۇيىچە ياشىسۇن دەپ ياۋروپاغا ، ۋە ئامېرىكىغا يوللىسا بولامتتى؟ گەپ دىگەننى ئويلاپ قىلىش كېرەك.

يوللانغان ۋاقتى : 5/26/2010 5:12:45 AM
ئىسيانكار
yawakaptar

باشلامچى ئەزا

ۋەزىپىسى :باشقۇرغۇچى
سىردىشى :زىيا0908
يوللانما سانى:275
تەجىربىسى :4425
تىزىملاتقان ۋاقتى:5/24/2010
يوقلىما: بۈگۈن كەلگەن

مۇنبەردىكى تەرتىپى:مىس

مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم .

ھەرقانداق تىما-ئىنكاسنى <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>> بىلەن باشلاڭ .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
كۆكتە بۇركۇت قىلدى پەرۋاز ، شۇڭغۇدى بۆرە تامان .
يەردە بۆرە بولدى سەرسان ، ئەمدى ئۇ قالماس ئامان .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئاستىمدا ئات يوقتۇر مىنەي دېگەنگە،
قولۇمدا چۇلۋۇر يوق، تىزگىن سىيرىشكە.
يالغۇزلۇق جېنىمغا پاتتى، مەن ئۆلەي،
بىراق، ھېچكىم يوق ئۆلۈپ بېرىشكە!...
ئات كۆندۈرگۈچىدۇرمەن، يايلاق ئوغلانى،
شەھەردە ئات يوقتۇر، مەن ئەمدى نېتەي؟!

غايىۋانە ئېتىم يىراقتا
قىيغىتىپ يۈرىدۇ چوقۇم خىرامان
بولدىلا <<تالاشقان شەلىرىڭ قالدى>>
ناتونۇش جايلارغا سەرسان بوپ كېتەي.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

• ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
بىزنىڭ تور كۇلۇبى
• ئىجرا ۋاقتى 00.22 سېكونت(s)
مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:54:23 AM