مۇنبەر نورماللاشتى . قېرىنداشلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز تېخى مۇنبەرگە كىرمىدىڭىز | كىرىش | تىزىملىتىش | توردىكىلەر | ئىزدەش | ياردەم
مەرىپەت تور بېكتى ›› ئىسلامىيات ھەرەم جۈمە خۇتبىلىرى ›› ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5-6-2009
    
 
ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5-6-2009
يوللىغۇچى: jahan  ئىنكاس سانى: 1  كۆرىلىش سانى :2559  ئاخىرقى خاتىرە :6/14/2009 11:11:20 AM by ئەقىدە416

كۆرۈش شەكلى مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى ئىزدەش  يوللانما تەرتىۋى :
يوللانغان ۋاقتى : 6/8/2009 9:36:42 AM
jahan





پىشقەدەم

ۋەزىپىسى :كۇلۇب باشلىقى
يوللانما سانى:114
تەجىربىسى :1037
تىزىملاتقان ۋاقتى:3/29/2009
يوقلىما: 83كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:17- تەرتىپ
ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5-6-2009

 

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم  قېرىنداشلار دىققىتىڭلارغا مەسجىدىلھەرام  بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

 جۈمە نامىزى ۋە خۇتبىنى ئوقۇغان  مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب  جانابلىرى...

 

  ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"ئىلىمگە ئەھمىيەت بېرىش،ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى كۆتۈرۈشتە ئىلىمنىڭ ئورنى ئىنتايىن چوڭدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

 

 ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

 

 ئەرەبلەر ئىجات قىلغان مەدەنىيەت مائارىپىنىڭ باشلىنىشى مەسجىددىن باشلانغانلىقىدا شەك يوق. مەسجىد بىنا قىلىنىپ ئىلىم شۇ مەسجىددىن دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن دۇنيا خەلقى ئەرەبلەرنىڭ كىملىكىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزگەندۇر. ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بورۇن ئەرەبلەر تارىخ سەھىپىسىدىن يىراق ئىدى.

 ھەربىر ئەقىل ئېگىسى تەربىيە بىلەن يانداشقان ئىلىم ئارقىلىق ئىنسانلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى بىلگەنلىكى، ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ. ھازارەت ۋە مەدەنىيەتلەر بىلىم ئارقىلىق بىنا قىلىنىدۇ. ئەنە شۇ بىلىم ئارقىلىق ئىنسانلار دۇنيا-ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىدۇ. گۈللىنىش، تەرەققىيات بىلىم ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بىلىم ئەھلى پادىشاھلارنىڭ مەجلىسىدە ئولتۇرىدۇ.

 ئىنساننىڭ بىلىمى ئىمان بىلەن بىزەلگەندە دۇنيا-ئاخىرەتلىك يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ.

 ئالى تالىب يەنە: مائارىپ ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرغان مۇئەللىم ۋە مۇئەللىمەلەر پادىشالىق تەختىدە ئولتۇرغانلار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادى ئۇلارنىڭ پۇخرالىرىدۇر. تەپەككۇر ئىجات قىلىدىغانلار،تىل ئىجاد قىلىدىغانلار ئەنە شۇ ئالىملاردۇر.ئالىملار بارلىق ھۆرمەت- تەقدىرگە سازاۋەردۇر.

 مۇئەللىم ۋە مۇئەللىمەلەر ئۆزىگە لايىق مەرتىۋىگە سازاۋەر بولۇشنى خالىسا، ئاشكارا-مەخپى ھاللىرىدا ئاللاھتىن قورقۇشى كېرەك. باشقىلارغا بارلىق ئىشلىرىدا ئۈلگە بولىشى كېرەك.ئوغۇل - قىز ئوقۇغۇچىلار ئەنە شۇ ئۇستازلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئامانەتتۇر. ئاللاھ ئۇستازلاردىن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ ئۆز لايىقىدا بىلىم ئۆگەتتىمۇ يوق؟ ھېساب ئالىدۇ.مۇئەللىم شاگىرتلىرىغا ئەخلاق -پەزىلەت ئۆگىتىشتىن بورۇن ئۆزى شۇ ئەخلاق -پەزىلەتنى ئۆزلەشتۈرگەن بولىشى كېرەك.

بىلىش كېرەككى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، بىلىم تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن ياراملىق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئادەمگە مەبلەغ سېلىش لازىم. شۇ مەبلەغ ھەقىقىي پايدا بېرىدىغان سەرمايىدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنسانلارنى دىنى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ. ئەنە شۇ بىلىملەر ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولالايدۇ. باشقىلارغا بېقىندى بولمايدۇ.

 زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئىجادىيەت، تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. ھازىرقى زامان بىلىم - مائارىپ تەرەققىياتى، چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتقان زامانىۋى تېخنىكىلار ھېچكىمگە قاراپ تۇرمايدۇ. پايدىلىق بىلىم – مائارىپ ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش كېرەك ۋە شۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش لازىم.

 ئۇستازلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئامانەتدارلاردۇر. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. ئەۋلادلارنى ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا تەربىيىلەش،تەۋھىد ئەقىدىسى بويىچە ئىبادەت قىلىشقا كۆندۈرۈش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيتىدۇر. مۇئەللىم يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىسى، پىكرى ساغلاملىقىنى ياتلارنىڭ خىرىسىدىن ھىمايە قىلىشتا مەسئۇلدۇر.

 مائارىپ ۋە  مائارىپ ساھەسى،ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانى بولسا، ئۆزلۈك ۋە خوجىلىق مەسىلىسى بولۇپ، ھەربىر دۆلەتنىڭ مۇكەممەل ئەركىنلىكى بولىشى كېرەك.باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىغا يول يوق.

 دۆلەتنىڭ تەلىم -تەربىيە سىستېمىنى باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىش توغرا ئەمەس.ھەربىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ ئادەتتە ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، مائارىپ ساھەسى بويىچە دەرسلىك لايىھە تۈزۈشتە شۇ خۇسۇسىيەتلەرگە رىئايە قىلىنىشى كېرەك. تەلىم تەربىيە سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان مال ئەمەستۇر. بەلكى ئۇ  مىللەتلەرنىڭ ئۆلچىمىگە قاراپ تىكىدىغان كىيىمدۇر.

 ئىسلام ئۈممىتى بارلىق تەلىم-تەربىيە پىلانلىرىدا مىللىي، دىنى كىملىكنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ئەۋلادلار ئىسلامى كىملىك بىلەن تەربىيىلىنىشى لازىم. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، مائارىپ تۈزۈمىدە قىزلارنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، جىنس پەرقىگە رىئايە قىلىش ئەقلىي ۋە شەرئى جەھەتتىن ھېچكىشى ئىختىلاپ قىلمايدىغان مەسىلىدۇر.بۇ ساھەدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەجرىبىسى ئالاھىدە بولۇپ، يۇنىسكونىڭ دوكلاتىدا ئېنىق ئېتىراپ قىلىنغاندۇر. ياۋرۇپالىقلارمۇ قىزلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پرىنسىپىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈزۈمىنى قوللىنىشنى مۇناسىپ كۆرگەنلىكى ھەممىگە ئايان.سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ  مائارىپ سىياسىتىدىكى ئۆزگىچىلىكتىن بىرى ئوتتۇرا ھاللىق ۋە مۆتىدىللىكتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان مائارىپ ئۈچۈن ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجراتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

 

 بۇ نىڭ بىلەن مەسجىدىلھەرەمدە ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەرجىمىسى ئاخىرلاشتى. كېلەر ھەپتە يەنە يىڭى خۇتبە بىلەن تونۇشقىچە ھەممىڭلانى ئاللاغا تاپشۇردۇم  خەير خوش ! ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ.

 

 

سىراجىددىن ئەزىز  تەرجىمىسى

[jahan تەرىپىدىن 6/9/2009 3:40:59 AM تەھرىرلەندى]سەۋەبى:

يوللانغان ۋاقتى : 6/14/2009 11:11:20 AM
ئەقىدە416
ئەقىدە





يىڭى ئەزا

ۋەزىپىسى :ئەزا
يوللانما سانى:27
تەجىربىسى :141
تىزىملاتقان ۋاقتى:5/17/2009
يوقلىما: 93كۈننىڭ ئالدىدا كەلگەن
------------------
مۇنبەردىكى تەرتىپى:67- تەرتىپ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ!
ئاللاس ھۆرمەتلىك ئىمامدىن ۋە بۇ خۇتبىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تورغا چىقىرىپ قويغان قېرىندىشىمىزدىن رازى بولسۇن....

خۇتبىنىڭ بېشىدا بىر خاتالىق باردەك قىلىدۇ (بەلكى تەرجىمىدىن بولسا كېرەك!)؛ خاتا چۈشىنىشكە سەبەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن.
خۇتبىدىكى
نەقىل؛
<div>ئاپتور؛akida416نىڭ2009-06-12 00:01تىمىسىغا نەقىل؛ ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5-6-2009 :
ھەرەم جۈمە خۇتبىسى 5-6-2009
...ئەرەبلەر ئىجات قىلغان مەدەنىيەت مائارىپىنىڭ باشلىنىشى مەسجىددىن باشلانغانلىقىدا شەك يوق.
.......
</div>


مەسجىد سېلىش بىلەن باشلانغان ۋە بۇ يول بىلەن گۈللەنگەن مەدەنىيەت مائارىپى ئەرەبلەر ئىجاد قىلغان مەدەنىيەت بولماستىن، ئەرەپلەر ئىچىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن بەرپا قىلغان؛ ئىسلام مەدەنىيىتىدۇر... بۇ مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىشى ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىرى بىلەن بولغان. ئۇ مەدەنىيەتنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەرەپ مىللىتى ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەر ئىدى... بۇنى توغرا چۈشىنىش كېرەك!!! بولمىسا ئىسلام دىنى، بىر قىسىم ئىنسانلار تەرىپىدىن دەۋا قىلىنغىنىدەك «ئەرەپلەرنىڭ دىنى» بولۇپ قالىدۇ... ۋە ھالەنكى ئىسلام دىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدە ياشىرىپ، مۇسۇلمان ئەرەپلەر بىلەن باشقا مىللەتلەردىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ ئومۇملاشقان ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىنىدۇر...
(بۇ ئېنىقلىمىنى بېرىشىمدىكى سەۋەب ھۆرمەتلىك ھەرەم ئىمامىنىڭ ئىلىم - بىلىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەس. ماڭا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىگە سەۋەب ولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئېنىقلىمىنى بىرىشنى توغرا دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن يازدىم. خاتا چۈشىنىلمىگەي!)

 

 

http://www.uighurislam.net/read.php?tid=1839

 

مۇمكىن بولسا تەرجىماننىڭ ئېنىقلىما بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئۆزلۈك - ئۇتۇق !!!


  • ئالاقىلىشىڭ - مەرىپەت تور بېكىتى گۇرۇپىسى - ساقلىۋېلىڭ - ئۈستىگە قايتىڭ
    بىزنىڭ تور كۇلۇبى
  • ئىجرا ۋاقتى 00.19 سېكونت(s)
    مۇلازىمىتېر ۋاقتى 9/10/2010 10:53:44 AM